ساغلاملىق

سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىغا دېئاگنوز قويۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا بىلىملىرى» دا سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىغا دىئاگنوز قويۇشنىڭ بىر خىل ئاددىي ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان: يەنى كېسەل كىشىنى پۇتىنىڭ ئۆكچىسىدە دەسسىتىپ بىر نەچچە سېكۈنت بەدەننىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقىنى تاپانغا چۈشۈرۈپ ئۆرە تۇرۇپ، تاپاننى يەرگە قويغاندا، كېسەلنىڭ قورسىقى ئاغرىسا سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى ھېسابلىنىدىكەن.

سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى دەپ گۇمان قىلغان 15 نەپەر كېسەلنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تەجرىبە قىلغاندا، ھەممىسى سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى بولۇپ ئىسپاتلانغان، ھەمدە تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچىگە ئىگە بولغان.

1) بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىغا دىئاگنوز قويۇشنىڭ توغرىلىقى يۇقىرى، ئىشلەش قولايلىق بولۇپ، بەزى تىپىك بولمىغان سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىدا قورساقنىڭ ئاغرىغان ئورنى ئېنىق بولمىغان، باسقاندا ئاغىرش، قاڭقىپ ئاغرىشلار ئېنىق بولمىغان، يېپىق تۆشۈك مۇسكۇلى، بەل چوڭ مۇسكۇلى تەجرىبىلىرى بەزىدە (+ـ) چىقىپ قلاغاندا يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ سوزۇلما سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى كېسەللىرىگە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ كلىنىكىلىق ئەھمىيىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؛

2) ئەر-ئايال، قېرى-ياشنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق بولۇپ، مەيلى جىددىي ياكى سوزۇلما سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى بولسۇن ھەممىسىگە دېئاگنوز قويۇشتا ئەھمىيىتى بار؛

3) قورساقتىكى باشقا ئەزالار ياللۇغلانغاندا، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تەكشۈرگەندە قورساق ئاغرىقى روشەن كۈچەيمەيدۇ. شۇڭا، قورسىقى ئاغرىغان كېسەللەرنى بۇ ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىنى چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. سازاڭ ئۆسۈكىنىڭ سىرتىقى يۈزى سۈركەلگەنلىكتىن ئاغرىيدۇ؛

4) تەكشۈرگەندە ئۇسۇل توغرا بولۇش لازىم. كېسەل كىشى ئەڭ ياخشىسى ئاياق كىيمىسە، تەجرىبىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ؛

5) ئەگەر سوقۇر ئۈچەينىڭ يېتىلىشى ۋە سوقۇر ئۈچەينىڭ ئورنىدا پەرق بولۇشتىن سازاڭ ئۆسۈكىنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولسا، بولۇپمۇ ۋارونكىسىمان سوقۇر ئۈچەي ئاستىغا جايلاشقان ۋە ئالدىغا جايلاشقان سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغىدا بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسەن سازاڭ ئۆسۈك سوقۇر ئۈچەينىڭ كەينى ئىچكى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان ۋە داس بوشلۇقى ئېغىزىغا ئورۇنلاشقانلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى