ناشتىغا نەشپۈت يېسە قەۋزىيەتكە پايدىلىق
نەشپۈتنىڭ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇپ ، چوڭ تەرەتنى ھەيدەش رولى بولغاچقا ، نەشپۈت يەپ بەرسە ، قەۋزىيەتكە پايدىلىق بولىدۇ . ئەگەر ئەتىگەندە ناشتا قىلىشتىن بۇرۇن بىر ، ئىككى تال نەشپۈت يەۋالسا نەشپۈتنىڭ قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . چۈنكى كەچلىك ئۇيقۇدىن كېيىن يېمەكلىكلەر ئاساسەن ھەزىم قىلىنىپ ، ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ بولغانلىقتىن ، ئاشقازان ، ئۈچەيلەر نىسبەتەن قۇرۇق ھالەتتە بولىدۇ . ئەگەر بۇ ۋاقىتتا نەشپۈت يېسە ، نەشپۈت تەركىبىدىكى ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدىغان تەركىبلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىپ ، نەشپۈتنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ . شۇڭا قەۋزىيەت بولغان كىشلەر قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان باشقا ئامىللاردىن ساقلىنىش بىلەن بىللە ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە نەشپۈت ئىستېمال قىلىپ بەرسە قەۋزىيەتكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .