ساغلاملىق

ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپرادىن (ئىسسىقتىن) بۇزۇلۇشى

تونۇش: ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى ئاساسلىقى ئاشقازان مىزاجىنىڭ غەيرىي تەبىئىي سەپرا تەسىرىدىن بۇزۇلۇشى بولۇپ، بىماردا ئېغىز تەمى ئاچچىق بوللۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، سېسىغان بېلىق پۇرىقىدەك كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 

سەۋەبى: غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان ماددىسىز كەيپىياتلارنىڭ تەسىرى ھەمدە بەدەن ئىچىدە يۈز بەرگەن ھەرخىل روھىي ۋە جىسمانىي سەۋەبلەر سەپرا خىلىتىنىڭ غالىبلىقىنى پەيدا قىلىپ، سەپرا خىلتى جەھەتتىن ئېشىپ، ئۆزىنىڭ غىدىقلاش تەسىرى ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپلەپ ئىشلىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ھەزىم پائالىيىتى بۇزۇلىدۇ.

ئالامىتى: بىمار ئېغىزى ئاچچىق بولۇپ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزىدىن سېسىغان بېلىق پۇرىقىدەك كېكىرىك كېلىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، لېكىن بىمارنىڭ ھەزىم پائالىيىتى كۈچىيىدۇ. بەزىدە ئاشقازىنىدا غىدىقلاش كۈچىيىپ، ئاشقازان ساھەسىدە ئېچىشىپ ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ. ئاچ ۋاقىتتا ياكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا شۆلگەي ئاجرالمىسى كۆپىيىدۇ. تىلى ۋە كۆز ئېقىدا سەپرانىڭ غالىبلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: ماددا ئاشقازان ئۆزىدە گەۋدىلىك بولسا، بىمارغا قۇستۇرۇش چارىسىنى قوللىنىش، ئومۇمىي بەدەنلىك بولسا، غەيرىي سەپراغا قارىتا مۇنزىچ مۇسھىل بېرىش ئارقىلىق ماددىنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلاردىن: ئانار شەربىتى، لىمون شەربىتى، بېھى شەربىتى، جاۋارىش ئامىلە ئەنبەر، ئاچچىق ئالما شەربىتى، بۇزۇرى شەربىتى، سىركەنجىۋىل بېھى لىمون قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى