ساغلاملىق

سەۋدادىن بولغان ئاشقازان ياللۇغى

تونۇش: سەۋدادىن بولغان ئاشقازان ياللۇغى سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ھەمدە بىماردا ئىششىق قاتتىق بولۇپ، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، رەڭگى قارىداش، بەدىنى ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى، يەنى قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ۋە قۇرۇق سوغۇق مۇھىتلاردا ياشاش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش كۆرۈلىدۇ.

ئالامىتى: ئاشقازاننىڭ سەۋدادىن بولغان ياللۇغىدا ياللۇغلانغان ئورۇندىكى ئىششىق قاتتىق بولۇپ، بىماردا نەپەس قىيىنلىشىش بولىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىپ، تەبىئەت دائىم تۇتۇق بولىدۇ، بىمارنىڭ رەڭگى قارامتۇل بولىدۇ، ئەسەبىي ئالامەتلەردىن كۆپ پىكىر قىلىش، يامان خىياللارنى سۈرۈشكە ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، كۆز ۋە ئېغىز ئىچى قۇرغاقلىشىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغان ماددىنى پىشۇرۇش، سۈرۈپ چىقىرىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ھەببى ئايارەنج پەيقىرا، جاۋارىش قانىسە، جاۋارىش مىشكى، جاۋارىش ئامىلە، مەجۈنى خيارشەنبەر، جاۋارىش ئۇد مەجۈنى خىيارشەنبەر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن ھەم دورا-دەرمەكلەردىن قاتتىق پەرھىز قىلىنىدۇ. ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى، ئىسسىق تەبىئەتلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەر ئىستىمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى