ساغلاملىق

سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى

تونۇش:  سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بىلەن ئوخشاش بولغان، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ھەمدە ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەب ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەب بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى ۋاقتىدا ۋە توغرا داۋالانماسلىق سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ ئۆت كېسەللىكى ۋە ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىك تارىخى بولىدۇ. 

ئالامىتى: قورساق ساھەسىدە سانجىلىپ ئاغرىش بولىدۇ، ئاغرىق سول تەرەپ مۈرىلەرگىچە تارقىلىدۇ. بىمار كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، تەرىتى ئاق رەڭلىك ھەم مىقدارى كۆپ كېلىدۇ، سېسىق پۇرايدۇ، كۆپۈك ئارىلاش كېلىدۇ، بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ ئوزۇقلىنىشى ناچارلىشىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاغرىقنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش ئامىلە، بېھى شەربىتى، ئەرقى پۇدىنە، بۇزۇرى شەربىتى، مەجۈنى داۋائىلمىشكى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ياغلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان لەتىف يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى