ساغلاملىق

ئاشقازاننىڭ يەلدىن ئاغرىشى

تونۇش: ئاشقازاننىڭ يەلدىن ئاغرىشى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان ئىچىدە قويۇق يەل كۆپ بولغاندا يەل ئاشقازان ئىچىگە سىغماي، ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىدە تارتىشىش، قورۇلۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ئاشقازاننىڭ يەلدىن بۇزۇلۇشى كۆپىنچە ئاشقازاندىكى تۆت خىل قۇۋۋەتنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن ئاشقازاندا ئىسسىق-سوغۇق يەل پەيدا بولۇشتىن كۆرۈلىدۇ.

ئالامىتى: بىمار كۆپ كېكىرىدۇ، بەزىدە ھېق تۇتىدۇ، قورساق كېرىگەت گۆشلىرى تارتىشىشقا باشلايدۇ، تاماقتىن كېيىن قورساق سول تەرەپ تال ئەتراپىنى تۇتۇپ كۆرگەندە قولغا يەلنىڭ ھەرىكىتى (غولدۇرلاش) سېزىلىدۇ. ئاغرىق كۆپىنچە سول تەرەپتىن باشلىنىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: جاۋارىش كومۇنى، ھەببى تەنكار، ھەببى مۇرۇج، جاۋارىش جالىنۇس، ئىسكەنجىۋىل بۇزۇرى، مەجۈنى مۇقەۋۋى مەئىد، سوفۇپى سەنگى دانە مورغى، سوفۇپى نەمەكى سۇلايمانى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يەللىك، قىيمىلىق، غەلىز تاماقلار ۋە يەل-يېمىشلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى