ناچار يېمەكلىكلەر سەۋەبىدىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى
تونۇش: ناچار يېمەكلىكلەر سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ئاشقازان ئاغرىقى كۆپىنچە سۈپەت جەھەتتىن مۇۋاپىق بولمىغان (قاتتىق، خام ۋە بۇزۇلغان) يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ، بىماردا ئاشقازان ئۈستى قىسمى ئاغرىش، بولۇپمۇ تاماق ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئاغرىش كۈچىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ھەرخىل بۇزۇلغان خام، غەلىز تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش ھەمدە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن بۇ خىلدىكى تاماقلار ئاشقازاننى تېخىمۇ زەھەرلەپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ تارتىشىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاشقازاننى ئاغرىتىدۇ.
ئالامىتى: يۇقىرىقى سەۋەبلەر مەۋجۇت بولۇش بىلەن بىللە ئاشقازاننىڭ ئۈستۈنكى قىسمى ئاغرىش، بولۇپمۇ تاماق ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن ئاغرىقى كۈچىيىش ۋە باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىلنى يوقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقستىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: جاۋارىش ئەنبەر، ھەببى تەنكار، جاۋارىش كومۇنى، جاۋارىش جالىنۇس، قۇرسى ئەنسۇن، قۇروھى شەربىتى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سۈپىتى ئۆزگەرگەن خام، غەلىز، قىيمىلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئوزۇقلۇقلار ئىستىمال قىلىنىدۇ.