ئاشقازان تىرىپلىرىنىڭ قوزغۇلىشىدىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى
تونۇش: ئاشقازان تىرىپلىرىنىڭ قوزغىلىشى سەۋەبىدىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان نىرىپلىرى قوزغىلىشتىن پەيدا بولىدۇ، بىماردا ئاشقازان ئاغرىش، ئاشقازان بۇزۇق يەل بىلەن تولۇش، كېكىرىش بىلەن ئاغرىش يەڭگىللىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: سەۋدا خىلىتىنىڭ ئاشقازانغا قۇيۇلۇشى، سوغۇق سۇ ئىچىش ياكى ھەرخىل روھىي قوزغىلىشلار، غەم-ئەندىشە، تاسادىپىي يامان خەۋەر، روھى-زەربىلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازاندا ئاغرىق پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: بۇ خىل ئاشقازان ئاغرىقى كۆپىنچە سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بىرەر روھىي ئامىللار ياكى ئۆتكۈر تەسىر قىلغۇچى يېمەكلىكلەر سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئاشقازان ئاغرىيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بەزىدە تۇتقاقلىق بولىدۇ. بەزىلەردە مالىخولىيا ئالامەتلىرى بىلەن كېلىدۇ. بەزىلەردە ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن ئاشقازان بوش ۋاقتىدا ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. ئاشقازان يەل بىلەن تولۇپ، كېكىرىش بىلەن ئاغرىق يەڭگىللىشىدۇ. بەدەندە سەپرانىڭ (قۇرۇق ئىسسىق) غالىبلىقى كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: نېرىپلارنى قوزغاتقۇچى ئامىللارنى چەكلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش جالىنۇس، جاۋارىش كومۇنى، قۇرسى ئەنىسۇن، خەشخەش شەربىتى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ.