ساغلاملىق

ئاشقازان ئېچىشىش

تونۇش: ئاشقازان ئېچىشىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجىرىلىشىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئىشقارلىق ماددىلار بىلەن مۆتىدىللىشىشىدىن كۆرۈلىدۇ، بىماردا ئاشقازان چىقىش ئېغىزى كۆيگەندەك ئېچىشىش، ئېغىزغا سۇ يىغىلىش، شۆلگەي كۆپىيىش، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا ئېچىشىش پەسىيىش، شېكەرلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا ئېچىشىش كۈچىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى كۈچىيىپ كەتسە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە تۇز كىسلاتاسىنىڭ نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ئاشقازاندا كۆيگەندەك ئېچىشىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ. 

ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى تۇز كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر خېلى كۆپ، بەزىبىر يىرىك خام تاماقلار، مېۋە ۋە ئېچىپ كەتكەن خېمىر نانلىرىنى ئىستېمال قىلىش، ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەرنى داۋاملىق ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىش ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەيدە كېسەللىك يوق كىشىلەردىمۇ ئاشقازان ئېچىشىشنى سادىر قىلىش مۇمكىن. بۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلىق ئەھۋال بولۇپ، ئۇنداق نەرسىلەر ئىستېمال قىلىنمىسا ئاشقازان ئېچىشمايدۇ. 

ئاشقازان ئەسەبلىرى غىدىقلانغاندا ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بىلەن 12 بارماق ئۈچەي شىللىق پەردىلىرى غىدىقلىنىپ كېسەللىك يۈز بەرگەندە، ئاچچىق دورىلىق چاي ۋە تەم تەڭشىگۈچى دورا-دەرمەكلەرنى قويۇق ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە ئاشقازان شىللىق پەردىلىرى غىدىقلىنىپ مەزكۇر كىسلاتاسى كۆپلەپ ئاجرىلىپ كېتىدۇ. 

ئالامىتى: ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزى كۆيگەندەك ئېچىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېغىزغا سۇ يىغىلىدۇ. شۆلگەي كۆپ ئاققاندا، ياغلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئېچىشىش پەسىيىدۇ. شېكەرلىك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان ئېچىشىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئىشقارلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا، كىسلاتالىق ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ۋاقىتلىق مۆئىدلەشكەندەك بولسىمۇ، ئىشقارلىق دورىلارنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئېچىشىش بۇرۇنقىدىن كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئاشقازان ئېچىشىش ئۇزاق داۋاملاشسا ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بىلەن 12 بارماق ئۈچەيدە ياللۇغلىنىش، (ۋەرەم)، ھەتتا يارا (قوروھى) پەيدا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى كىسلاتالىق ئاشقازان سۇيۇقلۇقى مەزكۇر ئورۇنلارنىڭ شىلىمشىق پەردىلىرىنى داۋاملىق غىدىقلاپ زىدىلەندۈرىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىكنىڭ سەۋەبچى ئامىلىنى يوقىتىش، ئېچىشىشنى پەسەيتىش، ئاشقازاننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا : جاۋارىش ئامىلە، جاۋارىش ئەنبەر، سىركەنجىۋىل بوزۇرى، جاۋارىش ئۇد تۇرۇش، مەجۈنى مۇقەۋۋى مەئىدە، ھەببى تەنكار، جاۋارىش پۆدىنە قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: شېكەرلىك، غىدىقلىغۇچى، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى