ساغلاملىق

ئاشقازان قېتىپ قېلىش

تونۇش: ئاشقازان قېتىپ قېلىش ھەرخىل ئاشقازان ياللۇغلىرى ۋە قويۇق سەۋدا خىلىتىنىڭ ئاشقازان كىچىك پەي-يىپچىلىرىغا چۈشۈشىدىن پەيدا بولىدىغان، بىماردا ئېغىزدىن كۆپۈك يېنىش، ئېڭىشكەندە ئاشقازان قاتتىق ئاغرىش، بىرئاز تاماق يېسىمۇ ئاغرىش بولىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ئاشقازان ياللۇغلانغاندىن كېيىن قويۇق سەۋدا خىلىتى ئاشقازاننىڭ كىچىك پەي-يىپچىلىرىغا چۈشىدۇ. كۆپىنچە ئاشقازان ئېغىزىدا كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ھەممە قىسىمدا كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال ئاشقازاندا بىرخىل قېتىپ قېلىشنى پەيدا قىلىدۇ. 

ئالامىتى: بىمار كۆپۈكتەك سۇ ياندۇرىدۇ، ئاغرىغان ۋاقىتتا دۈم ياتالمايدۇ، يەرگە قاراپ ئېڭىشكەندە ئاشقازان قاتتىق ئاغرىيدۇ. بىر لوقما تاماق يېسىمۇ ئاغرىيدۇ، ئاغرىقنىڭ ئېغىر ياكى يەڭگىل بولۇشى زەھەرلىنىشنىڭ دەرىجىسىگە باغلىق بولۇپ، تاشقى تەرەپتىن تۇتۇپ تەكشۈرگەندە قاتتىقلىقنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. 

داۋالاش پرىنىسپى: كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازاندىكى  قاتتىقلىقنى يوقىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: مەجۈنى ئەنجۈر، مەجۈنى ئامىلە نۇشدارى، مەجۈنى سەپەرجىلى، جاۋارىش ئامىلە، ئەرقى شاتۇت، سىركەنجىۋىل ئانار قاتارلىق دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: گۆشلۈك، قىيمىلىق، غەلىز تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى غىزالار ۋە كۆكتاتلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى