ساغلاملىق

كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇش

تونۇش: كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇش مۇستەقىل بىر كېسەللىك بولماستىن بەلكى باشقا كېسەللىكلەرنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە يۈز بېرىدىغان پاتالوگىيەلىك ئالامەتتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان خىزمىتى بۇزۇلۇشتىن ۋە جىگەر، بۆرەك، ئۈچەي، مېڭە، يۇلۇن، بالىياتقۇ قاتارلىق ئەزالارنىڭ شېرىكچىلىكىدىن يۈز بېرىدۇ. 

مەسىلەن: بىرىنچىدىن، ئاشقازاندىكىبۇزۇق ماددا (خىلىت)لاردىن، يەنى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ياكى سەۋدا بىلەن بىرىككەن غەيرىي تەبىئىي بەلغەم ماددىسىدىن ئاشقازان بۇزۇلۇپ قۇسۇشقا سەۋەب بولىدۇ. بەزى چاغلاردا بۇزۇلغان ماددا ئاشقازاننىڭ ئۆزىدە بولماي، بەلكى جىگەر، ئۆت، تال قاتارلىق ئىككىنچى بىر ئەزادىن خىلت ئاشقازانغا قۇيۇلۇپ مەزكۇر كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئىككىنچى، ئاشقازاننىڭ تەبىئىي ئاجىزلىقىدىن كۆرۈلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بۇزۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ياكى ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلاردىن ئاشقازان بۇزۇلۇپ قۇسۇشنى پەيدا قىلىدۇ. تۆتىنچى، قۇستۇرغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلغانلىق سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. بەشىنچى، ئاشقازان يارىسى ياكى جىگەر ئىششىقىدىن كۆرۈلىدۇ. ئالتىنچى، بۆھراندىن قۇسۇش كۆرۈلىدۇ. يەتتىنچى، ھەيزە (خولېرا) كېسەللىكىدە ھەزىمنىڭ ئۆتكۈر دەرىجخدە بۇزۇلغانلىقى ۋە ئاشقازان تۆۋەنلەش، ئاشقازاندا قۇرت، يىلان، مەددە پەيدا بولۇش، ئۈچەي توسۇلۇش (قۇلۇنجى) قاتارلىقلاردىن قۇسۇش كۆرۈلىدۇ. بەزى تەپ كېسەللىكلىرىدىنمۇ قۇسۇش كۆرۈلىدۇ. 

ئالامىتى: يېمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇسۇشتا بىمارنىڭ تاماقنى قالايمىقان ۋە كۆپ يېگەنلىك تارىخى بولىدۇ. بىماردا ئاشقازان كۆپۈش، سېسىق كېكىرىش، كۆڭلى ئېلىشىش ۋ قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بىمارنىڭ قورسىقىدا كۆپىنچە ھەزىم بولمىغان تاماقلار بولىدۇ. قۇسقاندىن كېيىن ئارام ئالىدۇ. ئاشقازان يارىسى بارلار تاماقتىن كېيىن ئاشقازان قاتتىق ئاغرىغانلىق تۈپەيلىدىن قۇسىدۇ، قۇسقاندىن كېيىن ئارام ئالىدۇ. بىمارنىڭ ئاشقازىنىدا يارا بولۇش تارىخى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۆرەك، جىگەر، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىدە ناھايىتى ئۆتكۈر دەرىجىدە ئاغرىق پەيدا بولۇش بىلەن بىللە قۇسۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئەمما قۇسۇش بىلەن مەزكۇر ئەزالاردىكى ئراغرىق پەسەيمەيدۇ. ئاغرىغان ئورۇن ككپىنچە بېقىن ساھەسىدە كۆرۈلىدۇ. بەزى مېڭە كېسەللىكلىرىدە، يەنى مېڭە ياكى مېڭە پەردىسىنىڭ قوقاقلىنىشى، يېقىلىش، ئۇرۇلۇش سەۋەبىدىن مېڭىنىڭ قاتتىق سىلكىنىشى تۈپەيلىدىن بىمار قۇسىدۇ. ئادەم مېڭە ئاجىزلاپ كەتكەندە، پويىز، ماشىنا، پاراخوت ۋە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلغاندا قسۇىدۇ. مېڭە پەردىسى قوقاقلانغان بىمار پونتاندەك قۇسىدۇ. بىمار ئىسمىداپ گەجگىلىرى قاتىدۇ. ئۈچەي توسۇلۇش ۋە چوقۇق (گىرىژ) كېسەللىكىدە بىمار ئۈچىيى توسالغانلىقتىن قاتتىق قۇسىدۇ. بۇنىڭدا ئۈچەي توسۇلۇش ياكى پەتەقنىڭ ئالامەتلىرى بىللە كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى يوقىتىش، ماددا سەۋەبىدىن بولغاندا، ماددىنى پىشۇرۇش ھەم سۈرۈپ چىقىرىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: بېھى شەربىتى، ئانار شەربىتى، لىمون شەربىتى، جاۋارىش مەستىكى، مەجۈنى سەپەرجىلى، تەمرى ھىندى شەربىتى، پىننە شەربىتى، مەجۈنى ئامىلە نۆشۈدارى ساددە، مەجۈنى خىيارشەنبەر، ھەببى كورسىنگى، ھەببى غارىقۇن، مەجۈنى ئامىلە نۆشۈدارى لوئىلىۋى، مۈجۈنى ئامىلە نۆشۈدۈر كەبىر، جاۋارىش شەھرىيان، جاۋارىش پۆدىنە، جاۋارىش كۈندۇر كەبىر، مەجۈنى داۋائىلمىشكى بارىد، مەجۈنى بەسباسە، سۇفۇپى مۇسەككىن قەي، سىركەنجىۋىل بېھى لىمون، تەمرى ھىندى شەربىتى، سوفۇپى قۇستە قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: بۇزۇلغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ياخشى پىشقان، سۈپىتى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. (ئالما، ئانار، ئاپېلسىن قاتارلىق مىۋىلەر كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ. )

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى