ساغلاملىق

ھەزىم ناچارلىشىش

تونۇش: ھەزىم ناچارلىشىش ھەزىم ئاجىزلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا باسقۇچقا بارغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ،  يېگەن تاماق تولۇق ھەزىم بولماي،  بىر قىسمى بۇزۇلۇپ بىماردا قورساق كۆپۈش،  سېسىق كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ھەزىم سىستېما كېسەللىكىدىن ئىبارەت.  

سەۋەبى: بۇنىڭ سەۋەبى ھەزىم ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.  دېمەك،  ھەزىم ئاجىزلىقىغا سەل قاراپ،  ئۇنى ياخشى ۋە ئۆز ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا تەرەققىي قىلىپ ھەزىم ناچارلىشىدۇ،  بولۇپمۇ تاماق ئۈستىگە تاماق يېيىش،  ئاۋۋال كۈچلۈك،  تەستە ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى يەپ ئارقىدىن ئاسان سىڭىدىغان لەتىف تاماقلارنى يېيىش،  ھەزىمى ئەزا كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىماي تاماقنى كۆپ يېيىش،  تاماق ئىستېمال قىلىش ۋاقتىغا رىئايە قىلماسلىق قاتارلىقلار بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ،  بۇ خىل كېسەللىك يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش ياكى يەللىك تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدۇ.  

ئالامىتى: قورساق كۆپىدۇ.  يېگەن تاماقلار ئاشقازان ئېغىزىغا ئۆرلىۋالىدۇ،  بەزىدە ئاشقازان ئېغىزى ئېچىشىدۇ.  بىمار سېسىق كېكىرىدۇ،  كۆڭلى ئېلىشىدۇ،  بەزىدە قۇسىدۇ،  چوڭ تەرىتى ئادەتتىن تاشقىرى سېسىق پۇرايدۇ.  

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى يوقىتىش،  ئاشقازان ۋە ئۈچەينى بۇزۇق ماددىلاردىن تازلاش،  ھەزىمنى ياخشىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: سوفۇپى بەدىيان، مەجۈنى ئامىلە نۆشۈدارى،  جاۋارىش كومۇنى،  ئىترىفىل سەغىرى،  پىننە شەربىتى،  مەجۈنى ئىترىفىل سەغىر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.  

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غەلىز،  تەستە، ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.  ئاسان ھەزىم بولىدىغان،  ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان چۈجە گۆشى،  كەكلىك گۆشى قاتارلىقلاردىن شورپا تەييارلىنىدۇ،  شورپىغا قارىمۇچ،  دارچىن قاتارلىقلار سېلىنىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى