ساغلاملىق

ھەزىمنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلۇشى

تونۇش: بۇ،  يېگەن تاماقنىڭ پۈتۈنلەي ھەزىم بولماي،  خام كېكىرىش،  قورساق كۆپۈش،  قاتتىق بىئارام بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ھەزىم بۇزۇلۇش كېسەللىكىدىن ئىبارەت.  

سەۋەبى: ھەزىمنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلۇشىنىڭمۇ سەۋەبى ھەزىم ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدۇ.  ھەزىم ئاجىزلىقى ئېغىر دەرىجىدە تەرەققىي قىلغاندا ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەندە بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلىدۇ.  لېكىن،  بۇنىڭدا تاماقنىڭ بەلگىلىك ئۆلچەمدە بولماسلىقى،  تەستە سىڭىدىغان تاماقلارنىڭ ئۈستىگە ئاسان سىڭىدىغان تاماقلارنى يېيىش يەنىلا ئاساسىي سەۋەب بولىدۇ.  

ئالامىتى: ھەزىمنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلۇشى بىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە چىراي تاتىرىش،  دەم سىقىلىش،  ئاشقازاندىن يەل ئۆرلەش سەۋەبىدىن باش ئاغرىش ۋە باش ئېغىر بولۇش،  ئاشقازان ئاغرىش،  ھېق تۇتۇش،  ماغدۇرسىزلىنىش،  قورساق كۆپۈش،  كۆڭۈل ئېلىشىش،  ئىچ سۈرۈش،  بەزىدە ئىچ قېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.  بىمار ئازراقلاا تويۇپ تاماق يەپ قويسا قورسىقى كۆپۈپ،  سېسىق كېكىرىپ ئىنتايىن قىينىلىدۇ.  يېگەن تاماقنى قۇسۇش ياكى ئىچ سۈرۈش ئارقىلىق چىقىرىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.  بالىلار بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغاندا ئورۇقلاپ،  ئاجىزلاپ،  يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.  ئادەتتە قورسىقى يوغان بوينى ئىنچىكە بولۇپ قالىدۇ.  

داۋالاش پىرىنسىپى: قۇستۇرۇش،  ھەزىمنى ياخشىلاش،  ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ئىتتىرفىل سەغىر،  جاۋارىش شەھرىيان،  جاۋارىش سەپەرجىلى،  شەربىتى نارپىننە،  جاۋارىش كومۇنى،  جاۋارىش ئامىلە،  جاۋارىش ئۇد شېرىن،  جاۋارىش جۇز بۇۋا،  سىركەنجىۋىل نانخۇا قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ  تەڭشەپ بېرىلىدۇ.  

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تاماقنى ئاز يېيىش،  ئاسان ھەزىم بولىدىغان،  ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىش،  رىتىملىق ئوزۇقلىنىش،  مۇۋاپىق تەنھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىش لازىم،  تەستە ھەزىم بولىدىغان،  سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش چەكلىنىدۇ.  

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى