ساغلاملىق

كالا ئىشتىھا

تونۇش: كالا ئىشتىھا ئۇيغۇر تىبابىتىدە بەدەن ئوزۇقلۇققا موھتاج بولۇپ تۇرۇقلۇق كۆڭۈل تاماق تارتماسلىق،  قورساق ئاچماسلىق ۋە تاماق خالىماسلىق كالا ئىشتىھا دەپ ئاتىلىدۇ.  سەۋەبى يەپ تويماسلىق بىلەن ئوخشاش سەۋەبى يەڭگىل بولسا يەپ تويماسلىق،  ئېغىر بولسا كالا ئىشتىھا دەپ ئايرىلىدۇ.  

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك قاتتىق سوغۇقتا سەپەر قىلغۇچىلاردا،  بولۇپمۇ ئاچ يۈرەپ سەپەر قىلغۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ،  ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قالغانلار بۇ كېسەللىككە دۇچار بولىدۇ.  بۇ كېسەللىك سەۋەبىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ سەۋەبتىن بولىدۇ.  

بىرىنچى،  قاتتىق سوغۇقلۇقنىڭ ئاشقازانغا تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن ئاشقازاننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشتىن پەيدا بولىدۇ.  ئىككىنچى،  قويۇق بۇزۇق بەلغەم ئاشقازانغا چۈشۈش بىلەن ئاشقازان ئېغىزىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.  ئۈچىنچى،  سەپرا ياكى سۇيۇق بەلغەمنىڭ ئاشقازان ئېغىزىدىكى تىۋىتلەرگە سىڭىپ كېتىشى بىلەن ئاشقازان مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ.  

ئالامىتى: بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىمۇ سەۋەبلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ.  بۇ كېسەللىك زىيادە سوغۇقلۇقنىڭ ئاشقازانغا تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغاندا،  بىماردا بەدەن ئورۇقلاش،  كۈندىن-كۈنگە ئەھۋالى ناچارلىشىش،  تاماق يېيەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ،  بىمار ئاشقازاننى تۇتۇپ كۆرگەندە مۇزدەك سوغۇق سېزىلىدۇ.  كېسەللىك جەريانى ئۇزارغانسېرى بىمار ئايلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.  

بۇ كېسەللىك قويۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ ئاشقازانغا چۈشۈشى سەۋەبىدىن پەيدا بولسا بىمار قۇسىدۇ،  قۇسۇقى قۇيۇق شىلىمشىق ئارىلاش بولۇپ،  غىزانى كۆرسە ئىختىيارسىز سەسكىنىدۇ.  

بۇ كېسەللىك سەپرا ياكى سۇيۇق بەلغەمنىڭ ئاشقازان ئېغىزىدىكى تىۋىتلارغا سىڭىپ كېتىشى سەۋبىدىن پەيدا بولسا،  بىماردا پەقەت ئاشقازان بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.  

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: ئەرقى قىزىلگۈل،  ئەرقى بىدىمۇشكى،  ئالما شەربىتى،  جاۋارىش بۇزۇرى،  مەجۈنى ئامىلە نۆشۈدارى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى