قورساق كۆپۈش
تونۇش: ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان ئاشقازاننىڭ ھەزىم خىزمىتى ياخشى بولماسلىق، ئىستېمال قىلىنغان يېمەكلىكلەر بۇزۇلۇپ ئېچىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يەل قورساق كۆپۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
سەۋەبى: ئاشقازان، ئۈچەي، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى، نۇقرەس ۋە باشقا كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن قورساق كۆپۈش كۆرۈلىدۇ. لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتى ياخشى بولماي يېمەكلىكلەرنىڭ بۇزۇلۇپ ئېچىشىدىن ھاسىل بولغان يەل قورساق كۆپۈشنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ كۆپىنچە نازۇك ۋە سەۋدا مىجەزلىك كىشىلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: تاماق ئىستېمال قىلىنىپ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن قورساق كۆپۈشكە باشلايدۇ. ئەگەر كېكىرىك كەلمىسە ياكى يەل يۈرۈشمىسە تەبىئەت ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، بەزىدە كۆپۈش كۈچەيگەنلىكتىن قورساق ئاغرىش ۋە يۈرەك ئېغىز ئەھۋاللىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىنىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل ھەيدەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: جاۋارىش كومۇنى، جاۋارىش جالىنۇس، دىنار شەربىتى، ھەببى تەنكار، ھەببى قوقىيا، قىزىلگۈل شەربىتى، جاۋارىش قادىر، جاۋارىش ئۇد شېرىن، جاۋارىش پۆدىنە، جاۋارىش جۇز بۇۋا، ھەببى كۇرسىنگى، ھەببى سالاتتىن، جاۋارىش جۇز بۇۋا، مەجۈنى بەسباسە، جاۋارىش ئۇد، جاۋارىش نانخۇا، جاۋارىش شەھرىيان، مەجۈنى جاۋارىش ئەنبەر قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : ھەزىمنى ياخشىلايدىغان دورىلار ئىستىمال قىلىنىدۇ. تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.