ساغلاملىق

ئۆتكە تاش چۈشمىسۇن دېسىڭىز

ئاياللار مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆتىگە تاش چۈشۈش خەۋىپى تۆۋەن بولىدۇ

ئامېرىكا تېببىي پەن ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئاياللار مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئۇلارنىڭ ئۆتىگە تاش چۈشۈش خەۋىپى تۆۋەن بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار77000نەپەر ئاياللارغا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىز قوغلاپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، تەجىرىبە ئېلىپ بېرىلغان16يىل ئىچىدە جەمئىي6600نەپەر ئايالنىڭ ئۆتىگە تاش چۈشكەنلىگىنى بايقىغان. ئالىملار بۇنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئادەتتە مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىدىغان ئاياللارنىڭ ، مېۋە–كۆكتاتلارنى ئانچە كۆپ ئىستېمال قىلمايدىغان ئاياللارغا قارغاندا ئۆتىگە تاش چۈشۈش نىسبىتىنىڭ%21 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئالىملار بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ مېۋە–كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋېتامىنCنىڭ مول بولغانلىقىدا دەپ قارىغان شۇنداقلا ئاياللارنىڭ مېۋە–كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى