ساغلاملىق

تىل يېرىلىش

تىل يېرىلىش تىل قۇرۇشنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىپ، تىل يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئەتىياز پەسلىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. 

سەۋەبى: ئاساسلىق، ھەرخىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەردىن بەدەندە قۇرۇقلۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ، تىلغا تەبىئىي ھالدا يامان تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭدا بىرى، ئىچكى سەۋەبلەردىن مېڭىدە قاتتىق قۇرۇقلۇق پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى سېزىم ئەسەبلىرى ئارقىلىق تىلغا ئۆتۈپ تىل يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىرى، ھەرخىل قۇرۇقلۇق يەتكۈزگۈچى كۆكتات، يېمەك-ئىچمەكلەر، ئۆتكۈر تەسىرلىك دورىلار، چاي دورىلىرى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلغۇچى ھەرىكەت  بىلەن ھەددىدىن زىيادە مەشغۇل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئاشقازاندا ئېغىر دەرىجىدە قۇرۇقلۇق پەيدا بولۇپ، تىلغا يامان تەسىر قىلغانلىقتىن تىل يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئالامىتى: مېڭىگە قۇرۇقلۇق يەتكەندىن بولغان تىل يېرىلىشتا تىل رەڭگى قىزىرىدۇ، تىل قۇرۇيدۇ، تىل چوڭقۇرراق يېرىلغان بولۇپ ئېچىشىدۇ. بىر نەرسە، بولۇپمۇ ئاچچىق-چۈچۈك، تۇزلۇق نەرسىلەر تەگسە ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. تىل يېرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇسىزلىق، مېڭىدە قۇرۇقلۇق ئاشقان ئالامەتلەرگە كۆرۈلىدۇ. 

ئاشقازانغا قۇرۇقلۇق يەتكەندىن بولغان تىل يېرىلىشتا تىلنىڭ رەڭگى قىزىرىدۇ، قۇرۇيدۇ. تىل ئۈستى يول-يول بولۇپ يېرىلىپ كېتىدۇ. كېسەل كىشىدىن بەتبۇي ئىسنىڭ پۇرىقىدەك كېكىرىك چىقىدۇ. ئېغىز تەمى غالىب كەلگەن خىلىت تەمىدە بولىدۇ. بەزىدە تىل زىيادە قۇرغاقلىشىپ يېرىلغانلىقتىن گالنى غىدىقلاپ، قۇرۇق قەي قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى