ساغلاملىق

ئېغىز پۇراش

ئېغىز پۇراش ئېغىز سېسىق پۇرىغانلىقىغا، بولۇپمۇ گەپ قىلغاندا ئېغىزدىن سېسىق پۇراق چىققانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا بىمارنىڭ ئۆزىگە بىلىنمەي باشقىلارغا بىلىنىدۇ. 

سەۋەبى: ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەرنىڭ يامان تەسىرىدىن ئېغىز پۇراش كېلىپ چىقىدۇ.  ئىچكى جەھەتتە، بىرەر خىلىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان بەزى قويۇق بۇخاراتلىق كېسەللىكلەرنىڭ، مەسىلەن: ئۆپكە سىلى، گال، ئېغىز-چىش كېسەللىكلىرى، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، پۈتۈن بەدەنلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ياللۇغ بۇخارلىرى ئېغىز ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاشقى جەھەتتە، يېمەك-ئىچمەك ماددىلىرى ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىش مىلىكلىرىگە يىغىلىپ، ۋاقتى-ۋاقتىدا پاكىزلانمىغاچقا، تەدرىجىي ھالدا ياللۇغ پەيدا قىلىپ، ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئالامىتى: گەپ قىلغاندا، ئېغىز ئارقىلىق نەپەسلىنىپ نەپەس چىقارغاندا ئېغىز پۇرايدۇ. كۆپىنچە بىمارنىڭ ئۆزىگە بىلىنمەي يېقىن تۇرغان ياكى قارشىسىدىكى كىشىلەرگە بىلىنىدۇ. كېسەللىك يېڭى ۋە يېنىك بولسا ئېغىز بەزىدە سېسىق پۇرايدۇ، بەزىدە پۇرىمايدۇ. ئەگەر كېسەللىك كونىرىغان ۋە ئېغىرراق بولسا، ئېغىزدىن دائىم كۈچلۈك سېسىق پۇراق چىقىدۇ. 

داۋاسى:  ئالدى بىلەن قايسى خىلىت بۇزۇلغان بولسا، شۇ خىلىتنى تازىلاپ تەڭشەش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مەتبۇخى ئەفتىمۇن، مەتبۇخى ھېلىلە، ئايارەچ پەيقىرا قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ. سۇمبۇل، پوستى تۇرۇنجى (ئاپلىسىن پوستى)، سەئدى كۇفىلارنى بەش گرامدىن ئېلىپ، 100 گرام سىركە بىلەن قاينىتىپ ئېغىزنى چايقاش لازىم. 

ئېغىز پۇراشقا سەۋەبچى بولغان ئەسلىي كېسەللىكنى داۋالاشقا ئاكتىپ تەدبىر قىلىش لازىم. ئەسلىي كېسەللىك ساقايسا ئېغىز پۇراش شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىپ قالىدۇ. 

ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئېغىز پۇراشنى داۋالاشتا، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئېغىزنى دائىم تاماقتىن كېيىن كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئىلمان سۇ بىلەن چوتكىلاپ يۇيۇش، تۇز سۈيى ياكى مۇناسىۋەتلىك دورا سۇلىرى بىلەن ئېغىزنى چايقاش لازىم. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى