ساغلاملىق

تىلغا قاراپ كېسەل كۆرۈش

1. ئاق گەز: نورمال ھالەتتىكىدىن روشەنرەك بولغان ئاق گەز مىزاجنىڭ ھۆللۈك ھەم سوغۇققا مايىل ئىكەنلىكىنىڭ، ئاشقازان، ئۈچەي مەنبەلىك يەللىك ئىچ سۈرۈشنىڭ بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

1) ئاق ھەم قېلىن گەز ئاساسلىقى تال زەئىپلېكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ۋە سوزۇلما ئىچ سۈرۈشلەردە كۆرۈلىدۇ.

2) تىلدىكى ئاق گەز تىلنىڭ بىر تەرىپىدە بولسا، شۇ تەرەپ قارشى تەرەپكە قارىغاندا  تومراق بولسا، مېڭىنىڭ شۇ تەرەپتە توسالغۇ بارلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

3) تىلنىڭ قېلىن ئاق گەز باغلاپ، ئۈستىدە قارىغا مايىل گەزنىڭ بولۇشى بۆرەك ئىششىپ، بۆرەكتە ياللۇغ پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئاالامەتلىرىدۇر.

4) تىلنىڭ ئاق گەز باغلاپ، ئۈستىدە بوز گەزنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۆپكە ئىششىغانلىقىنىڭ ئاالامەتلىرىدۇر.

5) تىلدىكى ئاق گەز ئۈستىدە سېرىق گەزنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بەلغەمدىن (ھۆل سوغۇقتىن) بولغان جىگەر ئىششىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

6) تىلدا ئاقۇچ گەز بولۇپ، ئېغىزىدىن شۆلگەي ئېقىش ئاشقازان ھەم پۈتۈن بەدەننىڭ ھۆللۈك سوغۇقلىقى ئېشىپ كەتكەنلېكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

2. سېرىق گەز: تىلدا سېرىق گەزنىڭ بولۇشى كۆپىنچە مىزاجنىڭ ئىسسىقلىقىغا مەنسۇپ بولۇپ، سېرىق گەز قانچە توق بولسا، ئىسسىقلىقىنىڭ شۇنجە غالىبلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنداق گەز بەزىدە كېزىكلەردىكى يۇقىرى ھارارەت ياكى ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، ئاشقازان-ئۈچەي، جىگەر ياللۇغلىرىدا كۆرۈلىدۇ.

1) سېرىق گەز ئۈستىدە قارىغا مايىل گەز پەيدا بولۇپ قالسا، بۇ قارا كېزىك كېسەللېكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر، يۇقىرى ھارارەتلىك بولغان سەرسام، ئۆپكە سىلى كېسەللىرىدىمۇ بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2) تىلنىڭ تېگى ئاق، ئۈستىدە قېلىن سېرىق گەزنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى جىگەر راكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

3) تىلنىڭ كۆكۈچكە مايىل بولۇپ، ئۈستىدە سارغۇچ گەز پەيدا بولۇپ قېلىش غەششى (يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى) نىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

3. كۈل رەڭ قارا گەز: تىلدا كۈل رەڭ قارا ۋە قۇرغاق گەزنىڭ بولۇشى ھارارەت ئۆرلەپ، بەدەن سۇيۇقلۇقى ئازايغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، كېزىك ئەۋج ئالغان چاغلاردا كۆرۈلىدۇ.

كۈل رەڭ قارا ھەمدە ياغلىشاڭغۇ گەز ئۈچەي ۋە باشقا ئىچكى ئەزالاردا بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ غالىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كۆپىنچە ئىچ سۈرۈش، سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشتا كۆرۈلىدۇ.

4. قۇرغاق گەز: تىلدا قۇرغاق گەزنىڭ بولۇشى بەدەن سۇيۇقلۇقى يېتىشمىگەنلىك، ھارارەت ئۆرلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپىنچە تەپ (خوراتقۇچى قىزىتما) يۈز بەرگەن چاغلاردا ئۇچرايدۇ.

تىلدا قۇرغاق گەزنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، مېڭە،  جىگەرگە قۇرۇقلۇق يەتكەن كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

5. پارقىراق، سويۇلغاق، يېرىلغاق گەز: تىلدا پارقىراق، سۇيۇلغاق، يېرىلغاق گەزنىڭ بولۇشى بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كۆپلەپ خوراپ كەتكەنلىكنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، قىزىتمىلىق كېسەللەرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەردە، ئۆپكى سىلى، ئاشقازان يارىسى، قەنت سىيىش كېسىلىدە كۆرۈلىدۇ.

1) تىل ئۈستىدە گەزلەرنىڭ سويۇلغاندەك كۆرۈنۈشى ئاشقازان-ئۈچەي يارىسىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر. سۇيۇلۇش قايسى تەرەپتە بولسا ئاشقازاننىڭمۇ شۇ تەرىپىدە يارا بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2) تىل ئۈستىدە گەز بولماي، تىلنىڭ ئوتتۇرىدىن تىك بىر سىزىق پەيدا بولۇپ، توغرىسىغا  يېرىلغاندەك بولۇشى بۆرەك مەنبەلىك دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

3) تىلنىڭ بويىغا ھەم توغرىسىغا يېرىلىشى قان، سەپرا ( قۇرۇق ئىسسىق) مىزاج كىشىلەردىكى ئۆپكە سىل كېسىلىنىڭ ھەم قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلېكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

4) تىلنىڭ ئۇچى تەرەپتە يېرىلىش بولسا، ئاياللاردا بالىياتقۇ يارىسىنىڭ، ئەرلەردە بولسا دوۋساق يارىسىنىڭ ئالامىتىدۇر.

5) تىلدا بويىغا توغرىسىغا يېرىلغان سىزىقچىلارنىڭ بولۇشى ھەم تىل ئۈستى گال تەرەپتە بۇغدايدەك ئۆسمىلەرنىڭ بولۇشى سىفلىس كېسىلىدىن بەلگە بېرىدۇ.

6) تىلدا گەز بولماي قىزىرىپ پارقىراقلىقىنىڭ يوقاپ كېتىشى قاننىڭ بەدەندە يۇقىرىلىقى، ئەمما يۈرەك، ئۆپكە ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

7) تىلنىڭ نېپىز بولۇپ گەز بولماي قىزىل بولۇشى نېرۋا بۆرەك، جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.

8) تىلنىڭ نېپىز، كۆكۈچ بولۇپ قېلىشى قاننىڭ قۇيۇلۇپ قېلىشىدىن يەنى قان قېيىش، قان توسۇلۇش، مالىخولىيا، نەپەس قىستاش، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىگە بەلگە بېرىدۇ.

9) تىلنىڭ تېگى ئاق، ئۈستىدە كۆكۈچكە مايىل قويۇق گەزنىڭ پەيدا بولۇشى گەز ئۈستىدە بوز شىلىمسىمان گەز پەيدا بولۇش، قولنى تىلغا تەگكۈزسە چاپلىشىش جىگەر مەنبەلىك دىئابېت كېسەللېكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

10) تىل كۆكۈچكە مايىل بولۇپ، ئۈستىدە سۆگەلسىمان مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى جوزام كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇھەم سەرئى، سەكتە كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ.

11) تىنىڭ قېتىپ قېلىشى ئارقىلىق ئەركىن، گەپ قىلالماسلىقى مېڭىگە قان چۈشكەن پالەچ كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ ھەم سەرئى، سەكتە كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ.

12) تىلنىڭ ئوتتۇرىسى ئاق، گىرۋەكلىرى قىزىرىپ چېچەكلەپ مۇدۇر پەيدا بولۇپ قېلىش ئاشقازان ئىشىقىنىڭ ئالامىتىدۇر

13) تىلنىڭ ئۈستى قىسمىغا قىزىل مۇدۇر-چاقلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى يۇتقۇنچاق ئىششىقىنىڭ، ئىششىق كۆكۈچ بولسا ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.

14) تىل ئۈستىدە بادام مېغىزىدەك مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولۇپ، تىل رەڭگىنىڭ ئاقۇچ كۆككە مايىل چالاش بولۇپ قېلىشى ئاشقازان راكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

15) تىلنىڭ توم، ئاق بولۇپ، تىلنى سىرتقا ئوبدان چىقىرالماسلىق، قول-پۇتلىرىنىڭ كۆپۈشۈپ، كۆپ يىغىلىپ قېلىش، ئۇيقۇدا كۆپ چۈچۈش، مېڭىدە سۇلۇق ئۆسمىنىڭ بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى