ساغلاملىق

چىشنى قايسى خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاسىرايمىز

چىشنى چېكىش ئۇسۇلى؛ ئاستى-ئۈستى چىشنى چېكىش، ئالدى بىلەن ئىككى ياندىكى چوڭ چىشنىڭ ھەربىرىنى 20 قېتىمدىن چىكىش . ئاندىن ئۇدۇل چىشنى 20 قېتىم چېكىش . قوچۇش ئۇسۇلى؛ ئالدى بىلەن تىل ئۇچىنى ئۈستۈنكى لەۋ بىلەن ئۇدۇل چىش ئارىسىغا ئېگىپ چىش ئۇلىنى بويلاپ تىلنى سولغا 10-7 قېتىم ئايلاندۇرىدۇ. ئاندىن ئوڭغا 10-7 قېتىم ئايلاندۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن 10-20 قېتىم قوۋۇزنى شۇراپ ، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۆلگەي بىلەن ئېغىزنى 10 نەچچە قېتىم چايقىغاندىن كېيىن نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ يۈتىۋەتسە بولىدۇ. ئالدى بىلەن چىشنى چېكىش ، ئاندىن  قوچۇش ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە تاماقتىن كېيىن ھەر بىرىنى بىرقېتىمدىن ئىشلەش ھەر قېتىمدا يۇقىرقى ئۇسۇل بۇيىچە ئىككى قېتىم تەكرارلاش كېرەك . بۇ ئۇسۇل تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ئاشقازاننى ياخشىلاپ ھەزىم قىلشقا ياردەم بېرىدۇ. ئېغىز ئاچچىق بولۇش ۋە ئېغىز پۇراشنىڭ ، يۇتقۇنچاق ، كېكىرتەك كېسەللىكلىرى ۋە چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالايدۇ. يۈز مۇسكۇلىنىڭ ھەركىتىنى كۈچەيتىپ ، يۈزگە قورۇق چۈشۈشنى كېچىكتۈرىدۇ. ئەتىگەن كەچ بىر ئىستاكاندىن تەمى سۇسراق تۇز سۈيى ئىچىپ ، ئۈچ ۋاق تاماقتىىن كېيىن تەمى سۇس تۇز سۈيى بىلەن ئېغىز چايقىغاندا ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم چىش پاستىسىنى قويۇق تۇز سۈيىگە چىلاپ چىش چوتكىلىسا ، مىكروپ ئۆلتۈرۈپ ، كىرنى چىقىرىپ چىشنى تازلايدۇ. ئەگەر ھەر كۈنى بىر قېتىم ئاچچىقسۇدا ئۈچ مىنۇت ئېغىز چايقىسا چىشتىكى كىر ۋە ئىس قالدۇقلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى