ساغلاملىق

يالغان چىشنى يۇيۇش ئۇسۇلى

ئېلۋەتكىلى بۇلىدىغان يالغان چىشنى ھەر كۈنى يۇيۇپ، دائىم دىزىنفىكسىيە قىلىپ پاكىز ساقلاش كېرەك. ئەگەر يۇيۇش، دىزىنفىكسىيە قىلىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا پىلاستىما ۋە مىتال يۈزنىڭ پارقىراقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ يالغان چىش سېلىش ۋە ئېغىز تازلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. يالغان چىشنى يۇيغاندا ئادەتتە تۈكى يۇمشاق چىش چوتكىسىغا ئازىراق چىش پاستىسى ياكى سۇپۇن سۈيى سىقىپ يالغان چىشنىڭ يۈزىگە چاپلىشىۋالغان نەرسىلەرنى يىنىك يۇيۇپ چىقىرۋەتسىلا بۇلىدۇ. ھەرگىز كۈچلۈك كېسلاتا، كۈچلۈك ئىشقارلىق نەرسىلەر بىلەن يۇيماسلىق، يالغان چىشنىڭ مىتال قىسمىنى چىرتىشتىن ساقلىنىش لازىم. يالغان چىشنى دىزىنفىكسىيلىگەندە، بازاردا سېتىلۋاتقان «ئالتۇن يۇلتۇز»،«84» قاتارلىق سۇيۇقلۇققا مۇۋاپىق سۇ قۇشۇپ بەشتىن ئون مىنۇتقىچە چىلاپ ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن چايقاش كېرەك. ھەركىز قايناق سۇغا سالماسلىق، قازان چۈمۈچ يۇيدىغان سىم ياكى قۇم قەغەزنى سۈركىمەسلىك، پىچاق بىلەن چىرماسلىق سۈلياۋ يۈزىنىڭ زىيانغا ئۇچىراپ، مەينەت نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە چاپلىشىۋېلشىدىن ساقلىنىش لازىم. يىغىنچاقلىغاندا، پەقەت يالغان چىشنى توغرا ئۇسۇلدا دىزىنفىكسىيلەپ يۇغاندا، ئاندىن تازلىقنى ساقلاپ، ئۇزاق ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى