ساغلاملىق

بالىلاردىكى ئوغرى چىشنى قالايمىقان تاتقۇزۇشقا بولمايدۇ

ئوغىرى چىش يەنى لەۋ تەرەپكە يۆتكەلگەن تۇراقلىق قۇزۇق چىش ، كۆپۈنچە يۇقۇرى جاغدا كۈرىلىدۇ . كۆپ ساندىكى ئاتا ئانىلار ئوغىرى چىشنى سەت دەپ قاراپ ئۇنى تارتىۋىتىشكە ئۇرۇنىدۇ .ئېغىز بۈلىمى مەخسۇس بۈلىمىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئوغرى چىشى غەيرىلىكىدىن تۈزەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈشكە بولىدۇ .ئەگەر ئۇ تارتىۋىتىلسە ناھايتى ئەپسۇسنىلارلىق ئىش بولىدۇ .ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇراقلىق قۇزۇق چىشى ئادەتتە 9.5 -14 ياشقىچە يەنى تۇنجى بىر جۈپ قۇزۇق چىش ۋە يان ئۇدۇل چىشتىن كېيىن بىخلىنىدۇ .ئەگەر قۇززۇق چىش چىش ئالمىشى مەزگىلىگە بارمايلا چۈشۈپ كەتسە تونجى بىر جۈپ قۇزۇق چىش ۋە يان ئۇدۇل چىش بوشلۇققا قاراپ سىلجىغانلىقتىن تۇراقلىق قۇزۇق چىش قا ئۇرۇن يىتىشمەي چىش يايىسىنىڭ سىرتىغا بېقىنىپ كۆپىنچە لەۋ تەرەپ كە يۆتكىلىدۇ .

تۇراقلىق قۇزۇق چىش جاۋغايغا ئۇدۇل جايلاشقان چىش يىلتىزى ئۇزۇن توم بولۇپ جاۋغاينى تىرەپ يۈزقىسمىنىڭ تۇلۇق بۇلىشىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ . ئەگەر يۇقۇرقى جاغدىكى قۇزۇق چىش تارتىۋىتىلسە جاۋغاينىڭ ئۇستۈنكى قىسمى ئىچىگە ئوتۇرۇشۇپ ھۆسنىگە چوڭ نۇقسان يېتىدۇ .ئاتانا بولغۇچى بالىنى ئوغىرى چىشىنى بايقىغاندا دەرھال دوختۇر خانىغا ئاپىرىپ ئىغىز بوشلۇقى بۈلىمىگە ئاپىرىپ دىئاگۇنۇز قۇيدۇرىشى ھەم دوختۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنىشى لازىم .

ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ ئوغرى چىشنى ئالدۇرۋىتىشكە بولمايدۇ .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى