ساغلاملىق
كالپۇك ئىچكى ئەزالارنىڭ بەلگە چىرىغى
كالپۇكنىڭ رەڭگى تاتىراڭغۇ بولسا، قان ئازلىقنىڭ، سۆسۈن بولسا، ئۆپكە كېسىلىنىڭ، قارا بولسا جىگەر كېسىلىنىڭ، قىزىل بولسا، قىزىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. كالپۇك سەل قىزىرىپ ھەم يىرىكلەشسە، بەدەن كۆيۈشسە، ھەسەلنى كۆپرەك يېسە، ھەم سەۋزە شەربىتىنى ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىسى يانىدۇ، يىرىكلەشكەن كالپۇكمۇ ئوڭشىلىدۇ. قان ئازلىق كېسىلى بارلار بىر مەزگىل قوي جىگىرى يەپ بەرسە ئوڭشىلىدۇ. كالپۇكمۇ ئۆز رەڭگىگە كېلىدۇ.