ساغلاملىق

چىش كېسەللېكىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

*ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا قايماق يەپ بەرسە ، چىشنى چىڭىتىقىلى بولىدۇ .

*ھەركۈنى بىر تال لىمون يەپ بەرسە ، چىش ئەتراپىدىكى مىكروبلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ .

*بېلىق بىلەن ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشى تەركىبىدە چىشنى چىڭىتىدىغان فوسفور ماددىسى مول بولۇپ ، بېلىق بىلەن ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشىنى كۆپرەك يەپ بەرسە ، چىشنى ئاسرىغىلى بولىدۇ .

*كۆكتات تەركىبىدە يىرىك تالا بولغاچقا ، كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ بەرسە ، ئېغىز مۇسكۇللىرىنىڭ چېنىقىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق چىشنى چىڭىتقىلى بولىدۇ .

*چىشنى داۋاملىق چىش پاستىسى بىلەن چوتكىلاپ تۇرغاندا ، چىشنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .

*ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سودا  سېلىنغان سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرسا چىش ئاغرىقىغا ئوڭاي گىرىپتار بولمايدۇ . چىش ئاق ۋە  پارقىراق بولىدۇ .

*ئۇخلىغاندا چىشنى غۇچۇلىتىش ئاساسەن پسىخىك سەۋەبتىن بولىدۇ . يەنى قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرگەندە كۆرۈلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي يولىدا مەددە بارلارمۇ ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ . ئۇخلىغاندا چىشىنى

*غۇچۇرلىتىدىغانلار چىش مىلېكىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

*دائىم چىش چوتكىلاپ بەرسە ، كاناي ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

*كۆك چاي چىشنى چىڭىتىپ قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ .  

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى