ساغلاملىق

مىدىرلاپ قالغان چىشنى ئالدىراپ تاتقۇزماسلىق كېرەك

چىش مىدىرلاپ قالغان ئەھۋال دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇدۇل چىش مىدىرلاپ قېلىش كۆپ كۆرۈلىدۇ . چىش مىدىرلاپ قېلىشنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە چىش ئەتراپى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان چىش مىدىرلاپ قېلىش كۆپ كۆرۈلىدۇ . چىش مىدىرلاپ قېلىش 3–دەرىجىدىن يۇقىرى بولغاندا چايناش ئىقتىدارىغا روشەن تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بىمار داۋالاش قىممىتى قالمىدى دەپ قاراپ ، مىدىرلاپ قالغان چىشنى تارتقۇزىۋېتىپ ، يالغان چىش سالدۇرىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، 2– دەرىجىدىن يۇقىرى بوشاپ قالغان چىشنى تازىلاش ، چىش ئەتراپىنى داۋالاش ، زۆرۈر بولغاندا چىش مىلېكىنى داۋالاش ، ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق كېسەل ئەھۋالىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، ئاندىن چىشنى چىگىش ، قىسىش تاختىسى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇش ، چىش تاجىسىنى قوشۇپ تۈزەش ، چىشلىشىشنى تەڭشەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، چىش مىدىرلاشنى ساقايتىپ ، چىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇدۇل چىشقا قارىتا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك . شۇڭا ، چىشى مىدىرلاپ قالغانلار چىشنى ئالدىراپ تارتقۇزىۋەتمەي ، دوختۇرخانىغا بېرىپ ، مەخسۇس بۆلۈمدە تەكشۈرتۈپ ، داۋالىتىپ ، چىشنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قېلىش كېرەك .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى