ساغلاملىق

يۈرەك مەنبەلىك چىش ئاغرىقىغا سەل قارىماڭ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، تېببي خادىملار بەزى تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ كېسىلى قوزغالغاندا چىشى قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى بايقىغان . بۇ خىل ئەھۋالدا چىش قاتتىق ئاغرىيدۇ – يۇ ، قايسى چىش ئاغرىۋاتقانلىقىنى تازا بىلگىلى بولمايدۇ ، يەنە ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ ، ئەمما قان تومۇرنى كېڭەيتىدىغان دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن چىش ئاغرىقى دەرھال توختايدۇ . ئىستاتسىتكا قىلىنىشىچە ، تەخمىنەن %18 تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى ئاغرىقى پەقەت چىشتىلا ئىپادىلىنىدىكەن . بۇ خىل چىش ئاغرىقى پەقەت چىشتىلا ئىپادىلىنىدىكەن . بۇ خىل چىش ئاغرىقى يوشۇرۇن قوزغالغان تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئىنكاسى بولغاچقا ، تېبابەتچىلىكتە يۈرەك مەنبەلىك چىش ئاغرىقى دەپ ئاتىلىدۇ . شۇڭا ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلاردا بۇنداق چىش ئاغرىقى كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ، يۈرىكىنى تەكشۈرتۈشى ، ھەرگىز چىش ئاغرىقىنى داۋالاش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى