ساغلاملىق

ئېغىز بوشلۇقىغا قاراپ ئىچكى كېسەللىكلەرنى بىلىش

نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى ئېغىز بوشلۇقىدىن بايقىغىلى بولىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى بىلەن كېسەللىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە قانۇنىيەتلەر ئايدىڭلاشسا كېسەللىككە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا پايدىلىق.

چىش مىلكى. ئۇزۇن مۇددەت دىلانتىننى ئىشلىتىش، ۋىتامىنC يېتىشمەسلىك كېسەللىكى، ئاق قان كېسىلى، ھامىلدارلىق قاتارلىق مەزگىللەردە چىش ئۆسۈپ چىقىش ئەھۋاللىرى بولىدۇ؛ سىماب، قوغۇشۇن، بىسمۇت قاتارلىق مېتاللاردىن سوزۇلما خاراكتېرلىك زەھەرلەنگەندە، چىشتا قارا رەڭلىك مېتال چۆكمە سىزىقلىرى پەيدا بولىدۇ. ئاق قان كېسىلى، دانىلىق ھۈجەيرە كەمچىل بولۇش كېسىلى، قان پلاستىنكىلىرى ئازايغان سۆسۈن داغ قاتارلىق كېسەللىكلەردە بولسا چىش قانايدۇ.

ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى. شىللىق پەردىدە قىزىل پەيدا بولسا، بۇ ئەسۋە ياكى دورىنىڭ ئەكس تەسىرىدىن بولغان بولىدۇ. شىللىق پەردىدە ئاق رەڭلەر پەيدا بولسا، بۇ ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتېرىيە كېسلى، خىمىيىلىك كۆيۈش قاتارلىقلاردىن بولغان بولىدۇ. شىللىق پەردىدە جاراھەت پەيدا بولسا، بۇ ئاق قان كېسىلى، قايتىلانما ئېغىز يارىسى، تۇبېركۇلوز، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىق كېسەللەردىن بولغان بولىدۇ.

تىل. تىل يوغىناپ كەتسە، بۇ پۈتۈن بەدەن كراخمالسىمان ئۆزگىرىش، مۈچە ئۇچىلىرى زورىيىش كېسىلى، قىل قان تومۇر ئۆسمىسى، لىمفا ئۆسمىسىدىن بولغان بولىدۇ؛ تىل ئۇچى يىگلەپ كەتسە، يامان سۈپەتلىك قان ئازلىق، ئېغىر دەرىجىدە تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىك، قان ئازلىقتىن بولغان بولىدۇ. سېرىق گەز پەيدا بولسا، بۇ كۆپىنچە ياللۇغلىنىش، قىزىش قاتارلىق كېسەللەردىن بولغان بولىدۇ. شىللىق پەردىدە قارا گەز پەيدا بولسا، بۇ قىزىتمىسى ئۆرلەش، سۇسىزلىنىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش، ئۇزۇن مۇددەت ئۆسۈشكە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش قاتارلىقلاردىن بولغان بولىدۇ. تىل گېزى قېلىن بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، تىل گېزىنىڭ مېخانىكىلىق سۈركىلىش رولى ئازلاش، سۇسىزلىنىش، سۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى تىپىك ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

يۇقۇملۇق تاق يادرولۇق ھۈجەيرىلەر كۆپىيىش كېسىلى.

ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، كېسەللىك يۇقىرى پەللىگە چىققاندا پەيدا بولىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاساسلىق ئىپادىلىرى، يۇتقۇنچاق-كېكىردەك ئاغرىش، قان تولۇش، ئىششىش، جاراھەت پەيدا بولۇش، ساقىيىش دەۋرىدە كېسەللىك ئالامىتى پەسىيىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئىسكارلاتىنا. دائىم ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كاساپىتىگە ئۇچرايدۇ. ئېغىز بوشلۇقى جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغلانغاندا ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىپادىلىرى يۇتقۇنچاق ۋە بادام تەنچىگە قان تولۇپ تىل يۈزى قىزىرىدۇ. مانا بۇ ئىسكارلاتىنانىڭ ئىپادىلىرىدۇر.

قىزىل. كېسەللىك قوزغىلىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىگە قان تولىدۇ. مەڭزى، كالپۇك ئىچى شىللىق پەردىسىدە يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك چوڭلۇقتا ئاق داغلار پەيدا بولۇپ، ئەتراپى قىزىل بولىدۇ. دەسلەپتە ئاز بولۇپ، ناھايىتى تېزلا كۆپىيىدۇ، بۇ ئالامەتلەر قىزىلنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاددىي قوقاق. ئۇ كۆپىنچە كالپۇك ئەتراپى شىللىق پەردىسىدە پەيدا بولىدۇ. قوقاق ئاساسەن ئۆپكە ياللۇغى، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. دەسلەپ كىچىك تاتۇق ۋە يارا شەكىللىنىپ، يېرىم ئاي ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

كەم قانلىق. ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى، بولۇپمۇ كالپۇك ئەتراپى، چىش مىلىكى شىللىق پەردىسى ئاقىرىپ كەتسە، كەم قانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاق قان كېسىلى. كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىز بوشلۇقىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولىدۇ. ھەرخىل تىپتىكى ئاق قان كېسىلى ئېغىز بوشلۇقىنى زەخىملەندۈرىدۇ.

ئارسىدا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغىنى تاق يادرولۇق ھۈجەيرىلەر كۆپەيگەن ئاق قان كېسىلىدە بۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.

قاناشچان كېسەللىكلەر. مەسىلەن: قان پلاستىنكىلىرى ئازايغان سۆسۈن داغ، قاناشقا مايللىق كېسىلى، ۋىتامىنK كەمچىل بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەردە ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردە ئاسانلا قانايدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى بولسا چىش مىلىكى قاناش ۋە چىشنى يۇلۇۋەتكەندىن كېيىن قان توختىماسلىق.

ۋىتامىن كەمچىل بولۇش كېسىلى. ۋىتامىنC، B12 كەمچىل بولۇش كېسىلىنىڭ ئىپادىلىرى روشەن بولىدۇ. ۋىتامىنC كەمچىل بولغاندا ئاساسلىقى چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش مىلىكى ئىششىش، شەلۋەرەش، جاراھەت پەيدا بولغاندا ۋە چىش ئەتراپى پەردىسى زەخىملەنگەندە چىشنىڭ بوشاپ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىتامىنB12 كەمچىل بولغاندا، ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئىپادىلىرى ئېنىق بولمايدۇ. جاۋغاي، تىل ۋە كالپۇكتىكى ئىپادىلىرى ئېنىق بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى