ساغلاملىق

چىشى ناچار ئادەم دىۋەڭلىك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز تۇتۇپ، چىشنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارى چېكىنىش ئېھتىماللىقىنى پەسەيتىدۇ، چۈنكى ساق چىش بىلەن قۇرۇت يېگەن چىشنىڭ سانىنى چىش يوق يەرنىڭ ئەتراپىدىكى كېسەللىكلىرى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ياكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۈچىيىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. 

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقى مەسىلىسىنى بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، بولۇپمۇ دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئوزۇقلۇق ناچار بولۇش، دىئابېت ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلى قاتارلىقلارنىڭمۇ بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقى دەلىللەندى.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى