ساغلاملىق

قان بېسىمنى كونترول قىلىدىغان ئاددىي ئۇسۇللار

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا قان بېسىمىنى كونترول قىلىشنىڭ 10 ئاددىي ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى:

ئىشنى ئالدىرىماي قىلىش: ۋەزىپە تۇيۇقسىز بەلگىلەنسە، كۆپىنچە ئادەم ۋەزىپىنى ئورۇنداشنىڭ كويىدا ئالدىراپ-تېنەپ ئىشلەيدۇ،بۇنىڭ بىلەن بېسىم كۈچىيىپ، قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ئىشنى ئالدىرىماي ئاستا قىلىش ئاقىلانىلىك.

تېز مېڭىش: يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى تېز مېڭىپ بەرسە، قىسقىراش بېسىمى بىلەن بوشىش بېسىمىنى سەككىز مىللىمېتىر ۋە ئالتە مىللىمېتىر تۆۋەنلىتەلەيدۇ، كۈندە 30 مىنۇتتىن ئۇدا بەش كۈن پىيادە ماڭسا ئۈنۈمى ئالاھىدە بولىدۇ.

كۆزنى يۇمۇش: چوڭ مېڭە قوبۇل قىلغان ئۇچۇر كۆپىيىپ كەتسە، يۈرەكنىڭ بېسىمى كۈچىيىپ كېتىدۇ، ئۇنداق چاغدا كۆزنى چىڭ يۇمۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئالسا قان بېسىم ۋە يۈرەك سوقۇشى نورماللىشىدۇ.

كلاسسىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاش: كۈندە 30 مىنۇت ئارامبەخش مۇزىكىلارنى، بولۇپمۇ كلاسسىك مۇزىكا، پىئانىنو مۇزىكىسى ۋە لىرىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا، قىسقىراش بېسىمى 3.2 مىللىمېتىر تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ئادەتنى بىر ئاي داۋاملاشتۇرسا قىسقىراش بېسىمى 4.4 مىللىمېتىر تۆۋەنلەيدۇ.

خورەك تارتىشنى داۋالاش: ئۇخلىغاندا كۆرۈلىدىغان توسۇلۇش مەنبەلىك نەپەس قىسقا توختاش ئادەمنى يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار قىلىدۇ، خورەك تارتىشنى داۋالاش بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.

تاتلىق بەرەڭگە يېيىش: تاتلىق بەرەنگىدە كالىي مول، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق، بۇنىڭدىن باشقا شوخل،ا ئاپېلسىن، بەرەڭگە، بانان، كۆك پۇرچاق، باقىلە، قوغۇن ۋە قۇرۇق ئۈزۈمدىمۇ كالىي مول.

ھاراق ئىچمەسلىك: ھاراقنى ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرىدىغان ئۇسۇل.

قەھۋەنى ئاز ئىچىش: قەھۋەنى كۆپ ئىچسە قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ.

قارا شاكىلات يېيىش: قارا شاكىلاتتا قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىدىغان فىلاۋون بار، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى كۈندە كاكائو مىقدارى %70 دىن كۆپ قارا شاكىلاتتىن 14 گرام يەپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. 

پۇرچاق يېيىش: يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاغرىقلار پۇرچاق ۋە سۈتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى