ساغلاملىق

بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك

تېببىي ئىلىمدە بەش ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ ئادەتتە يوتقىنىغا سىيىپ قويۇشىنى سىيگەكلىك كېسىلى ، دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ . كۆپ ساندىكى سۈيدۈكىنى تۇتالمايدىغان بالىلار پۈتۈن بەدەنلىك تەكشۈرتكەندە نورمال بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بالىلاردىلا يوشۇرۇن خاراكتېرلىك ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يېرىلىش ، دوۋساق بىر ئاز كىچىكرەك بولۇش ، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇشنى ئېغىر كېسەللىك دېيىشكە بولمايدۇ . لېكىن ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان بالىلاردا ئېغىر پىسخىك بېسىم پەيدا بولىدۇ . 

بالىلار ئورنىغا سىيىپ قويغاندا ، ئاتا–ئانىلار ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بالىلارنىڭ يوتقان–كۆرپىلىرىنى رەتلەشكە ياردەم بېرىشى كېرەك . لېكىن ئۇلارنى سىيىپ قويۇپسەن دەپ ئەيىپلەشكە بولمايدۇ . چۈنكى بۇنداق چاغدا بالىلار باشقىلارنىڭ چۈشۈنىشىگە ۋە كۆيۈنۈشىگە تولىمۇ مۇھتاج . 

مۇۋاپىق ھالدا بالىلارنى قەرەللىك سىيىشنى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ سىيىپ قويۇشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ . يەنى كۈندۈزى ئائىلىدىكى چاغدا ، بالىلارغا كۆپ مىقداردا قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ ، ھاجەتخانىغا كىرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ، دوۋساقنىڭ سۈيدۈك ساقلاش ۋە سۈيدۈكنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش كېرەك. ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان بالىلارغا قەھۋە بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچۈرۈشكە ، بولۇپمۇ چۈشتىن كېيىن ئىچۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ . 

كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۈگەپ كېتىدۇ . بىراق بالىلاردا تۇيۇقسىز ئورنىغا سىيىپ قويۇش بىلەن باشقا كېسەللىك ئالامىتى بىللە كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ داۋالىتىپ بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . ئەگەر بالىلار كېچىسى سىيىپ قويۇشنى ئالتە ئاي كونتورل قىلغاندىن كېيىن ، تۇيۇقسىز يەنە سىيىپ قويۇش كېسىلى قايتا قوزغىلىپ قالسا ، ھەتتا كۈندۈزىمۇ كىيىمىگە سىيىپ قويسا ، بالىلاردا ئائىلىدىكى ۋە مەكتەپتىكى ئىپادىسى غەلىتە بولىدۇ . بالىلار سىيىدىغان ۋاقتىدا ئاغرىش ، دائىم سىيگۈسى كەلگەندەك بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . روشەن ھالدا كۆپ مىقداردا قايناق سۇ ئىچىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، پۇت قىسمى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇنداق چاغدا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈپ ، پىسخىك ۋە فىزىئولوگىيەلىك جەھەتتىكى نورمالسىزلىقنى تۈگىتىپ ، سۈيدۈك يولىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشى ۋە دىئابىت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى