ساغلاملىق

پۇرچاق سۈتى قايناتقانداق شىكەر قوشۇش بالىلارغا زىيانلىق

پۇرچاق سۈتى ئىچكەندە ھەممە ئادەم شېكەر سېلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ ، بىراق سىز قايسى ۋاقىتتا شېكەر سېلىش ، قانداق شېكەر سېلىشتەك ئىلمىيلىكنى بىلەمسىز ؟ توغرا بولغان شېكەر سېلىش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ : پۇرچاق سۈتىنى قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن قاچىغا ياكى ئىستاكانغا قۇيۇپ ، قاچا ياكى ئىستاكاندىكى سۈتنىڭ تېمپېراتۇرىسى قول كۆيمىگۈدەك بولغاندا شېكەر سالسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ . ئەگەر قايناۋاتقان ۋاقىتتا شېكەر سالسا ، پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى لېزىن ماددىسى شېكەر بىلەن رىياكسىيەلىشىپ فىروكتوزا ئامىنو كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ ، بۇ بىر خىل زىيانلىق ماددا بولۇپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى