ساغلاملىق

بالىلاردىكى تۇغما سىفلىس

تۇغما سىفلىس ھامىلدار ئانىنىڭ قېنى ئارقىلىق بالا بەدىنىگە ئۆتىدىغان تۇغۇلغاندىن كېيىن بىرخىل كېسەللىك بولۇپ، ئانىدا ئاتىشەك (سىفلىس) يارا كېسىلى بار بالىلار بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىيدۇ. ئادەتتە ئىككى ئايلىق ۋاقتى ئىچىدە بەلگىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئاغرىنشىڭ پەسىل ئايرىمىسى بولمايدۇ.

سەۋەبى: بالىدا بۇ كېسەلنىڭ كۆرۈلۈشى ئانىنىڭ بۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئاتىشەك( سىفلىس) كېسىلى ئوفۇنەتلەنگەن (يۇقۇملانغان) بۇزۇق قان ۋە كۆيگەن بۇزۇق خىلىتلار تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان، بىر كىشىدىن ئىككىنجى بىركىشىگە يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ كۆپۈنچە جىنسى ئالاقە، سۆيۈشۈش، قاچا- قۇچىلارنى ئورتاق ئىشلىتىش، تاماكىنى تۇتۇشۇپ چىكىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن ئانىغا يۇقىدۇ. بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلدار بولۇپ تۆت ئايدىن كېيىن قورساقتىكى تۆرەلمە يۇقۇملىنىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ كېسىلى يەڭگىلرەك بولسا بالا يۇقۇملانماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئانا يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆپۈنچە چالا تۇغىلىدۇ ياكى ئۈلۈك تۇغۇدۇ ياكى بىرىنچى تۇغۇتىدا ئۈلۈك تۇغۇپ كېيىنكى تۇغۇتلىرىدا تۇغما سىفلىس بىلەن تۇقۇملانغان بالا تۇغىدۇ. بۇنداق بالىلار ئانىنى ئەممەي باشقا ئاياللارنى ئەمسە شۇ ئاياللارنىڭ ئەمچىكىگە يەل يارا (سىفلىس) كېسىلىنى يۇقتۇرىدۇ.

ئالامىتى: سىفلىس كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بالىلارنى كۈزۈتۈش ۋە تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسىدا، كالپۇكىدا ياكى ئەمچىكىدە ئالدى بىلەن مۇنەكچە پەيدا بولۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن مۇنەكچە يۇقاپ كېتىپ جاراھەتكە ئايلىنىدۇ. جاراھەتتىن زەرداپ سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. بارغانسىرى يۇغىناپ يارىلانغان ئەزالاردا بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. ئىلاجى بولسا كېسەل بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكى باشقىلارنىمۇ بىردەك داۋالاش لازىم.

بالىلار بولسا كۆپۈنچە تۇغۇلۇپ دەسلەپكى ئىككى ئايلىق ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. كېسەل بالا ئاجىز ، روھسىز بولۇپ ئەت ئالمايدۇ. بەدىنىدە ھارارەت بولىدۇ. كېسىلى ئېغىرراقلىرىدا قان ئازلىق ئالامىتى روشەن بولىدۇ.

يۇمىلاق داغلىق ئەسۋە بولۇپ، سۇس قىزىل رەڭدىن تەدرىجى جىگەر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. باش، ساغرا ۋە پۇت قوللىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. يۇقالغاندا قارامتۇل تاتۇق قالىدۇ.

قاپارتمىلىق يەل يارا ئالغان ۋە تاپاندىن باشلىنىپ ئاستا-ئاستا گەۋدىگىچە كېڭىيىدۇ. ئىچىدە ئازراق يىرىڭلىق قان بولىدۇ. ئالقان ۋە تاپاننىڭ تېرىلىرى تارتىشىدۇ. قاتىدۇ، قىزىرىدۇ ۋە پارقىرايدۇ. قانىغاندىن كېيىن سىرتقى يۈزىدىكى قاقەچ تۆكۈلىدۇ. ئۇندىن كېيىن تېخىمۇ پارقىرايدۇ. تىرناقلىرى تار ۋە كىچىك بولىدۇ. چىمچىلاقنىڭ سىرتى كۈتۈرلۈپ تۇرىدۇ.

كالپۇك ۋە ساغرىسىنىڭ تېرىسى قىزىرىپ قېتىپ  تىرە تاشلايدۇ. يېرىلىپ يارا بولىدۇ. يۇقۇرىقى كالپۇك يېرىلسا تېلىنما يېرىق شەكلىدە بولىدۇ.

مەقەت ئەتراپىدا  قىزلارنىڭ جىنسى ئەزاسى ۋە ئۇغۇللارنىڭ ئۇرۇقدان ئەتراپىدىكى نەملىشىدىغان جايلاردا ھۆل سۈڭەك پەيدا بولىدۇ.

پۈتۈن بەدەندە ياكى بىرەر ئەزاسىدا سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ. چاچ كىرپىك ، قاشلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ.

بۇرۇندىن كېلىدىغان سۇ شىلىمشىق قان ئارىلاش كېلىدۇ. دىمىغى پۈتىدۇ، ئىمىشى قىيىنلىشىدۇ. ئاغزىنى ئېچىپ نەپەس ئالىدۇ. ئاۋازى پۈتىدۇ. شۇڭا يىغلىسا ئاۋازسىز يىغلايدۇ. كالپۇكىدا، ئېغىز ئىچىدە، تىلىدا، بادامسىمان بەزلەردە ياكى سىرتقى جىنسى ئەزاسىنىڭ شىللىق پەردىلىرىدە يېرىق پەيدا بولىدۇ. بەزى چاغلاردا ياپىلاق سۇلۇق داغ ياكى يارا پەيدا بولىدۇ. 

ئۇندىن باشقا ئەزالاردا تال چوڭىيىش، قۇلاق ئاستى، قولتۇق ئاستى، چاتلىرىغا يۇمشاق چۈشۈش، سۆڭەكلىرى چوڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇرنىدا ئىششىق پەيدا بولۇپ بۇرنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇسالغۇنى چىرىتىۋەتكەنلىكتىن قاڭشىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش قاتارلىق  بەلگىلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. بالا كېسەل بولۇپ 4،5 كۈن ئۆتكەندە قىزىتما پەيدا بولۇش، چۆچۈش، ھوشسىزلىنىش، مېڭىگە سۇ يىغىلىش، قېتىش، باشنىڭ ئالدىنقى بۇلاقچىسى پولتۇيۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش: سىفلىس جاراسىمىنى يوقۇتۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. كېسەل تېخى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىچكۈزۈلىدىغان دورىلارنى ئىچۈرۈشكە، سىفلىسقا تېز تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشكە ئۇڭايسىزلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەل ئەسلىدە ئانىسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، كېسەل بالىنىڭ ئانىسىغا دورا قىلىش كېرەك. ئەگەر بالا چوڭراق بولۇپ دورا ئىستىمال قىلالغۇدەك بولسا، ئەمچەكتىن ئايرىۋەتكەن تۈزۈك. بۇ مەزگىلدە كالا سۈتى ياكى باشقا ساغلام ئايالنىڭ سۈتىنى ئېمىزگە بىلەن ئىمىتسە بولىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: بالىنى ئىمىتىدىغان ئايال ئۆزىنىڭ تامىقىغا قوي، كەكلىك، كۆك كەپتەر گۆشلىرىدە مايلىق قورداق قىلىپ، ئاق نان يەپ بەرسە، سەۋزە سېلىپ شويلا، ھالۋا، ئاتىلا، شورپا تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئۇسسۇزلۇققا قارا چاي ياكى سوفۇپى چار دورا دەملەنمىسى ئىچىلسە بولىدۇ. 

دورىنى ئىستېمال قىلان چاغدا ئانا-بالا 40-50 كۈن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئەمەل قىلىشى زۆرۈر. 

سوغۇق سۇغا قول تىقىشقا، سوغۇق سۇ ئىچىشكە، يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ. قايناقسۇنى سوۋۇتۇپ، ئىلمان قىلىپ قول يۇيۇش، بەدەننى ئىلمان سۇغا چىلانغان لەڭگە بىلەن سۈرتۈپ تازىلاش لازىم. 

سامساق، پىياز، لازا، ئاچچىقسۇ، ھاراق قاتارلىقلاردىن قاتتىق ساقلىنىش، جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق، ھۆل مېۋىلەرنى يېمەسلىك كېرەك. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يۇقىرىقى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشىمۇ چەكلىنىدۇ. پەقەت بالا ئېمىتىۋاتقان ۋە بالىسىدا سىفلىس كېسىلى بار ئاياللار ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

پەرھىز مۇددىتى تۈگىگەندىن كېيىن ئەركەك قوينىڭ كاللىسىنى ئېزىلدۈرۈپ پىشۇرۇپ، گۆشىنى يېگەندىن كېيىن، سۆڭىكىنى قاينىتىپ ھورىدا تەرلىنىپ تەرنى تەدرىجىي قۇرۇتقاندىن كېيىن پەرھىزدىن چىقسا بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى