ساغلاملىق

يېڭى تۇغۇلغان بالا تۇنجۇقۇپ قېلىش

يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى نەپەس ئالالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بەلگىسى بولۇپ، تۇغۇلۇش ۋاقتىدا كۆرۈلىدۇ. 

سەۋەبى: تۇنجۇقۇپ قېلىش كۆپىنچە تۇغۇت جەريانىدا پەيدا بولىدۇ. تۇنجۇقۇپ قېلىش ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى قان يوقۇتۇش، ئېغىر قان ئازلىق، ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش، يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە سىلى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغان ئاياللارنىڭ تېنى ئاجىزلىشىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن، ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى تەسىرگە ئۇچرىغانلىق سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ناتوغرا ئورۇنلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، تۇغۇت ۋاقتىنىڭ ئارقىغا سوزۇلۇپ كېتىشى، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئاجرىلىپ قېلىشى، كىندىكنىڭ بالا بوينىغا يۆگىلىپ قېلىشى، ئاياللار تۇغۇت ۋاقتىدا ئاجىزلىشىپ قېلىپ، تولغاققا كۈچىيەلمەسلىكى، بالىنىڭ ساغرىسى بىلەن كېلىپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالا تۇغۇلۇش ۋاقتىدا قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. 

ئالامىتى: تۇغۇلماي تۇرۇپ تۇنجۇققان بالىنىڭ يۈرىكى دەسلەپتە بەك تېز سېلىپ، كېيىن تەدرىجىي ئاستىلاپ توختاپ قالىدۇ. تۇنجۇقۇش يېنىك تۇنجۇقۇش ۋە ئېغىر تۇنجۇقۇش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. 

يېنىك تۇنجۇقۇشتا بالىنىڭ تېرىسى كۆكىرىپ قالىدۇ، نەپسى ئاجىزلايدۇ، يۈرەك تاۋۇشى ۋە سوقۇشى سۇس ئاڭلىنىدۇ. 

ئېغىر تۇنجۇقۇشتا بالىنىڭ تېرىسى تاتىرىپ، پۇت، قوللىرى مۇزلاپ، بەدەن ۋە ئېڭەك گۆشلىرى سالپىيىپ بوشىشىپ قالىدۇ. نەپسى بىلىنمەيدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى بارغانسېرى ئاجىزلاپ ئاخىرىدا يوقاپ كېتىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى:  تۇنجۇققان بالىنى تېز قۇتقۇزۇش لازىم. يەنى تۇنجۇققان بالىنى قۇتقۇزۇشتا ئاۋۋال نەپەس يوللىرىدىكى شىلىمشىق ماددىلارنى تازىلاپ چىقىرىپ، سۈنئىي نەپەس ئالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ. 

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن يىغلىمىسا ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك تۇنجۇقۇش ئالامەتلىرى بولسا ئالدى بىلەن بالىنىڭ پۇتىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئاغزىغا توپلىشىپ قالغان نەرسىلەرنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بېشىنى تۆەن قىلىش لازىم. ئاندىن كېيىن تېزلىكتە ئېغىز ئىچىنى تازىلاپ، بالىنىڭ ئاغزىغا بىر قەۋەت داكا قويۇپ، تۇغۇت ئانىسى ئاغزىنى بالىنىڭ ئاغزىغا ئۇدۇل قىلىپ پۈۋلەش ئۇسۇلى بىلەن نەپەس ئالدۇرسا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۈنۈم بەرمىسە دوختۇر بىر قول بىلەن بوۋاقنىڭ دۈمبىىسىنى يۆلەپ ئاستا كۆتۈرۈپ، كۆكرەك قىسمى ئالدىغا چىققاندا يەنە ئاستا ياتقۇزۇپ قويۇش ئۇسۇلىنى تاكى بالا نەپەس ئالغۇچە تەكرارلىسا بولىدۇ. تۇغۇلۇپ بىرنەچچە مىنۇتقىچە ھوشىغا كەلمىسە، مارجاننى ياكى مەرۋايىتنى ئىزىپ، بالىنىڭ تېرىسى كۆيمەيدىغان ھالەتتە ئىككى مەڭزى ۋە پېشانىگە ياقسا ھوشىغا كېلىپ يىغلايدۇ. سوغۇق ئۆتۈشتىن تۇنجۇققان بولسا، ئىسسىق ئورۇندا ياتقۇزۇپ، داكىنى سۇدا قىزىتىپ، بالىنىڭ كۆكرەك ۋە ئېغىزلىرىغا تەگكۈزسە، بالىنى ئۆرە قىلىپ، كۆكرەكنى بوش بېسىپ بەرسە ھوشىغا كېلىدۇ. 

بوۋاقلار ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن مەخسۇس ئادەم خەۋەر ئېلىپ نەپەس، يۈرەك ھەرىكىتى ۋە چىرايىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ھەمدە دەسلەپكى ئىمىتىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش لازىم. دەسلەپ ئىمىتكەندىن كېيىنمۇ قايتا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىنى كۆپ مىدىرلاتماسلىق ۋە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتقۇزۇش كېرەك. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى