ساغلاملىق

مەقەت پۈتەيلىكى

بۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ چوڭ تەرەت يولى پۈتەي بولۇش نەتىجىسىدە چوڭ تەرەت قىلالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

سەۋەبى: مەقئەت پۈتەيلىكى تۇغما بولىدۇ، كۆپىنچە بالىلار بالدۇر تۇغۇلۇش، قورساقتا يېتىلىشنىڭ نورمال بولماسلىقى ياكى ئانىنىڭ ھامىلىدار ۋاقتىدا تۆرەلمە تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈدىغان دورا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشى ئارقىسىدا تۆرەلمە يېتىلىشىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشى قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ. 

ئالامىتى: مەقئەت پۈتەيلىك كېسىلى بىلەن تۇغۇلغان بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىنلا مەلۇم بولىدۇ، بەزى يىراق يېزا، چەت جايلاردا ئائىلىدە تۇغدۇرۇلغان بالىلار تۇغۇلغان ۋاقتىدا دىققەت قىلىنماي قالغان بولسا، 24 سائەتكىچە ھامىلە تەرىتى كەلمەسلىك، بارا-بارا قورسىقى كۆپۈش، قورسىقى چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قورساق بەك ئېسېلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلاردا روشەن ئورۇقلاش ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ. بالا ئەممەيدۇ، بەدەن سۇيۇقلۇقى كېمىيىدۇ. 

مەقئەت تۇغما تار بولغان بالىلاردا تەرەت چىقىش تەس بولغانلىقتىن، تەرەت كاللەكچىلىرى كۆتەن (بۇغماق) ئۈچەي ئىچىدە قاتتىق، تاشتەك قېتىپ كېتىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ناھايىتى زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى:  ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى