ساغلاملىق

بالىلار بويۇن بەز سىلى

بۇ سىل باكتىرىيەلىرى بالىلارنىڭ بويۇن بەزلىرىگە چۈشۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھەرقايسى ياشتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدۇ. خەلق ئارىسىدا چاشقان يارىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەل گەرچە سىل مىكروپلىرى باشقىلاردىن يۇقۇپ، بويۇن بەزلىرىگە چۈشۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولسىمۇ يەنە باشقا سەۋەبلەرنىڭمۇ تەسىرى بولىدۇ. 

1. ئېرسىيەت خاراكتېرلىك بولىدۇ.

ئاتا-ئانىسىدا سىل كېسىلى بار بالىلار ئىچىدە بويۇن بەز سىلىگە ئۇچرىغۇچىلار نىسبەتەن كۆپرەك بولىدۇ، سىل كېسىلى بولمىغان بولسىمۇ تەن تۈزۈلۈشى ئاجىز، كېسەلمەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە ھاراقكەشلەرنىڭ بالىلىرىدىمۇ بۇ كېسەل كۆپ ئۇچىرايدۇ. 

2. باشقا ئورگان سىللىرىدىن يامرايدۇ. 

ئۆپكە سىلى ياكى باشقا ئورگان سىلى بىلەن ئاغرىغان بالىلار داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن ياكى دۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە جاراسىم ئۆز بەدىنىدىكى قان ئارقىلىق كېلىپ بويۇن بەزلىرىگە ئورۇنلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

3. خىلىت ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ.

كۆپىنچە قويۇق بەلغەم خىلىتىغا ياكى سەۋدا خىلىتىغا، سىل جاراسىملىرىنىڭ قوشۇلۇشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

4. باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

سىل كېسىلى بار كىشىلەردىن قاچا-قۇچىلىرى ئارقىلىق يۇقۇش قانۇنىيىتى باشقا سىللارغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە ئوزۇقلۇق ۋە تۇرمۇش شارائىتى ناچار بالىلاردا ئانا سۈتىگە قانماسلىق ۋە ئوزۇقلۇق كەملىك سەۋەبىدىنمۇ ئوڭاي يۇقۇملىنىدۇ.

ئالامىتى: كۆپىنچە بويۇندا، ئېڭەك ئاستىدا، ئوقۇرەك ئويمانلىقىدا ۋە بەزىدە قولتۇق ئاستىدىكى بەزلەردە ئۇچرايدۇ. دەسلەپ باشلىنىشتىنلا يۇقىرىقى ئورۇنلار تېرە ئاستىدا تېرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان كىچىك مونەكچە پەيدا بولىدۇ. مونەكچىلەر گاھى بىر دانە، گاھى بىرنەچچە دانە بولۇپ، تۇتقاندا ئايرىم بىلىنىپ، تېرە ئاستىدا مىدىرلاپ يۆتكېلىپ تۇرىدۇ. باسسا لۆمۈلدەيدۇ. ئىششىق كۆپىنچە بىر تەرەپتە بولىدۇ، بۇ چاغدا تېخى ئاغرىمايدۇ. تەدرىجخي ھالدا بىر-بىرى بىلەن قوشۇلۇپ بويۇن يوغىناپ ئاغرىشقا باشلايدۇ ۋە خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ ۋە گۆش بىلەن تېرە تۇتۇشۇپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا دەل ۋاقتىدا داۋالانسا ئېغىز ئالماي يوقۇلۇپ كېتىدۇ. دەل ۋاقتىدا تولۇق ۋە توغرا داۋالانمىسا ئىششىق بارغانسېرى يۇمشاپ، يىرىڭ ئېغىز ئېلىپ تېشىلىدۇ ۋە ھەمىشە زەرداپ ۋە يىرىڭ ئېقىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاققان يىرىڭ زەرداپلار ئىنتايىن سېسىق پۇرايدۇ، بەزىدە يارا ئېغىزى پۈتۈپ قېلىپ ئاغرىتىپ بەك ئازابلايدۇ. بەزىدە يەنە ئېغىز ئېلىپ تېشىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ كېسەل بالىنى بىرنەچچە ئاي ھەتتا بىرنەچچە يىلغىچە ئازابلايدۇ. بەزىدە يەڭگىل قىزىتما بولىدۇ، بالا كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلايدۇ ۋە ئاجىزلايدۇ. روھى كەيپىياتى سۇلغۇن بولىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇپ، جاراھەتنى پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا:

1-رېتسىپ: قىزىل زەمچىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇ بىلەن سۈرۈپ چېپىپ بېرىلسە بۇزۇق گۆشلەرنى تازىلاپ جاراھەتنى پۈتتۈرىدۇ.

2-رېتسىپ: شەڭگىيا تالقىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئالتۇن ۋەرەققە سۈرۈپ يەرلىك ئورۇنغا چاپلاپ بېرىلسە بۇزۇق گۆشلەرنى تازىلاپ جاراھەتنى پۈتتۈرىدۇ. 

3-رېتسىپ: بويۇن بەز سىلى تېشىلىپ ئاققاندا ئىككى دانە تۇخۇم شاكىلىنى قازاندا قورۇپ سارغايتىپ ئۇندەك سوقۇپ يېگۈزۈپ بېرىلسە زەرداپلارنى قۇرۇتۇپ ساقىيىشنى تېزلىتىدۇ. 

4-رېتسىپ: گۈلى سەۋسەن يىلتىزى ئىككى گرام، مەلھىمى داخىليۇندىن 12 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بېرىلسە ئېغىز ئېلىشنى توختىتىپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ئىترىفىل غۇددە، مەلھىمى داخىلىيۇن، زىمادى خانازىر، مادەتۇلھايات، مەتبۇخى سىل قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: كالا، تۆگە، قوي، ئۆچكە سۈتلىرى، تۇخۇم، قوي ۋە توخو، كەپتەر گۆشلىرىنىڭ شورپىسى، تونۇر نېنى، گۈرۈچ ۋە بۇغداي ئۇنىدا ئېتىلگەن تاماقلارنى ھەمدە يېڭى سەي-كۆكتاتلارنى كۆپ بېرىش، تاماق تۈرىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، سەمىرىشنى قولغا كەلتۈرۈش، قىزىل گۈل گۈلقەنتىنى بېرىش لازىم. كالا گۆشى، لازا، سامساق، گۆشگىردە قاتارلىق يەللىك، غەلىز تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى