ساغلاملىق

بالىلاردىكى تولا چۈشكۈرۈش

بۇ بالىلاردىكى تولا چۈشكۈرۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. 

سەۋەبى: مېڭىگە كۆيگەن سەپرانىڭ تەسىر قىلىشى، قۇرۇق ئىسسىقتىن زۇكام بولۇش ۋە قاننىڭ بۇزۇلۇشى، ئاچچىق پۇراقلىق نەرسىلەرنىڭ تەسىر قىلىشى، مېڭىگە خىلىتسىز قۇرۇقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: كۆيگەن سەپرادىن ۋە خىلىتسىز ئىسسىقتىن بولغاندا چۈشكۈرۈش بىلەن قىزىتما بولىدۇ، بالا داۋاملىق كۆزىنى چىمىلدىتىپ بۇرنىنى تولا ئۇۋۇلايدۇ. چۈشكۈرگەندە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. زۇكامدىن بولغاندا بېشى ئاغرىيدۇ. بۇرۇن ئىچى قىچىشىدۇ. دىماغ قۇرۇپ تۇرىدۇ. چۈشكۈرۈش كۆپ بولىدۇ. ھەر قېتىم چۈشكۈرگەندىن كېيىن ئارام تاپقاندەك ھېس قىلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇپ، قان تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: كۆيگەن سەپرادىن بولغىنىغا ئۈچ گرام بادرەنجى بۇيان ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، قۇمۇش ئۇچىغا ئېلىپ، بالىنىڭ بۇرنىغا پۈركۈپ بېرىلسە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىدۇ.

2-رېتسىپ: قوينىڭ بۆرىكىنى ئوتقا قاقلاپ، تامغان سۈيىنى چىنىگە ئېلىپ بۇرۇنغا پۇرىتىپ بەرسە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىدۇ.

3-رېتسىپ: بىنەپشە، نېلۇپەر، چىلان، ئاقلەيلى ئۇرۇقى ۋە ئەينۇلادىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دەملەپ ئىچكۈزۈلسە سەپرانىڭ قىزىقلىقىنى پەسەيتىپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ. 

4-رېتسىپ: قاپاق مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ ئانا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇپ بالىنىڭ بۇرنىغا تېمىتىپ بېرىلسە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ. 

5-رېتسىپ: يۇمغاقسۈت ۋە گۈلى بىنەبشىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ قاپاق يېغىدا ياغلاپ، بالىنىڭ پېشانىسىگە سۈرتسە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ. 

6-رېتسىپ: قۇرۇقلۇقتىن بولغان بولسا بادام يېغى، قاپاق مېغىزى يېغى ۋە نېلۇپەر يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دورىلارنىڭ بىرى بىلەن باش ساھەسى ياغلاپ بېرىلسە مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ.

ياكى زۇپا شەربىتىدىن كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 15-20 مىللىلىتېرغىچە ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:  ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى بېرىپ، يەللىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ ھەم باش تەرەپكە قۇرۇق ئىسسىق دورا ياغلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلاش لازىم. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى