ساغلاملىق

ئۇيقۇدىن قورقۇپ ئويغىنىش

بالىلار ئۇخلاۋېتىپ، تۇيۇقسىز قورقۇپ ئويغىنىپ كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ روھى جەھەتتىن ۋە خىلىتلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. 

سەۋەبى: روھى سەۋەبلىك بولغىنىدا بالىلار ئويغاق ۋاقتىدا مەلۇم نەرسىدىن بەك قورقۇپ ئۇخلىغاندىن كېيىنمۇ چۈشىدە شۇ نەرسىدىن قورقۇپ ئويغىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئاتا-ئانا ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ بالىنى ھەرخىل قورقۇنچلۇق گەپ-سۆز، ھەرىكەتلەر بىلەن قورقىتىشى قاتارلىقلاردىمۇ كېلىپ چىقىدۇ. خىلىتلىق سەۋەبلىك بولسا، بالىنى قۇۋۋەتسىز بېقىش، بۇس-بۇخاراتلار پەيدا بولۇپ، مېڭىگە ئۆرلەپ، ئويلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش كۈچكە تەسىر يەتكۈزۈشتىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: بالا داۋاملىق ئۇخلاۋېتىپ، ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ يىغلايدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: مېڭىنى تىنچلاندۇرغۇچى،نېرۋىنى قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: گۈرۈچ شىرىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، گۈرۈچنى سۇغا چىلاپ، شىرىسىرىنى چىقىرىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئاز-ئازدىن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. 

2-رېتسىپ: كۆيدۈرۈلگەن قۇلۇلە قېپىنىڭ كۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ناۋات بىلەن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. 

3-رېتسىپ: قۇرۇتۇلغان سېمىز ئوت ئۇرۇقى ياكى قورۇلغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ناۋات بىلەن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. 

4-رېتسىپ: قۇندۇز قەھرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، بالىغا كۈندە ئىككى-ئۈچ قېتىم پۇرىتىلسا، مېڭە، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەپ توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. 

5-رېتسىپ: ئۈچ گرام مەستىكى رۇمى بىلەن بەش گرام ناۋات ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ياكى گۈلقەنت قوشۇپ نان بىلەن بالىغا يېگۈزۈلسە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: خېمىرى مەرۋايىت، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبەر، مۇپەررىھى ئەۋرىشىم قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.  

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: چۈجە گۆشى، باچكا گۆشى قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى بېرىش.  بالىغا ۋە ئانىسىغا كالا گۆشى، تۇزلۇق بېلىق، چىلىغان سەي قاتارلىقلار بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى