ساغلاملىق

بالىلاردىكى كېكەچلىك كېسىلى

مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىلاردىكى تۇيۇقسىز كېكەچلەپ سۆزلىيەلمەسلىك كېكەچلىك كېسەللىكى دېيىلىدۇ. ئادەتتە ئىككى ياشتىن تارتىپ 15 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. 

سەۋەبى: مېڭە ۋە تىل نېرۋىلىرىغا قاتتىق سوغۇق ئۆتۈش، ھۆل ۋە سوغۇق مېۋە، غىزالارنى كۆپ يېيىش سەۋەبىدىن تىل نېررۋىلىرى ئاجىزلاپ، كەمتۈك سۆزلەش ياكى تەكرەر سۆزلەش كېلىپ چىقىدۇ. بەزى بالىلاردا تۇغما ھالدىكى تىلنىڭ كەمتۈكلۈكى، سەرسام، چېچەك، قىزىل قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ياكى تارتىشىش پەيدا قىلغۇچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش، روھى ئامىل قاتارلىقلاردىن كېكەچلىك پەيدا بولىدۇ. روھى ئامىلدىن پەيدا بولغان كېكەچلىك بالىلارنىڭ تىلى چىقىۋاتقان مەزگىلدە قاتتىق قورقۇپ كېتىش، باشقىلارنى دوراپ سۆزلەش، ئۇيقۇدا قورقۇپ ئويغىنىش، قاتتىق روھى بېسىم ۋە قورقۇنچلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: سۆزلىگەندە توغرا ۋە ئوچۇق تەلەپپۇز قىلالماي تەكرار سۆزلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. دۇدۇقلايدۇ. قورققاندا غەزەبلەنگەندە روھى جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە كېكەچلىك تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ تىلى چىقىۋاتقان مەزگىلدە سۆزلەش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇش، دۇدۇقلاش ھادىسىسى بايقالسا سەۋرىچانلىق ۋە مېھرىبانلىق بىلەن تۈزىتىپ مەشىق قىلدۇرۇپ تۈزىتىش، چوڭراق بالىلار بولسا ناخشا ئېيتىش، كىتابنى ئۈنلۈك ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق كېكەچلىكنى تۈزىتىش مۇمكىن. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: جويۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تاشقا سۈرۈپ، گەجگە، يۇلۇن، ئېڭەك ئاستى قاتارلىق ئورۇنلارغا چېپىپ بېرىلسە، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، بەدەننى قىزىتىدۇ. 

2-رېتسىپ: ئاقىرقەرھادىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ بالىغا شۈمۈشكە بېرىلسە ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ. 

3-رېتسىپ: كاۋاۋىچىن ۋە زەنجىۋىلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تامىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكە بېرىلسە ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ. 

4-رېتسىپ: دارچىن، پىلپىل، گۈلدارچىن، كاۋاۋىچىن، ئىگىر، زەنجىۋىل، خولىنجان، پىننە، سۇمبۇلدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ ئىچكۈزۈلسە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ ئومۇمىي بەدەننى قىزىتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا:  داۋائى مىشكى مۆتىدىل،  جاۋارىش ئۇد شېرىن، مەجۈنى سوم، داۋائى مىشكا ھار، مۇپەررىھى ياقۇت، مۇپەررىھى ئەزەم، مۇپەررىھى ئەۋرىشىم قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلار بېرىلىدۇ. سوغۇق يېمەكلىكلەردىن ۋە سوغۇق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى