ساغلاملىق

بالىلاردىكى پەي يۇلۇن قېتىپ قېلىش كېسىلى

بۇ بالىلاردىكى خەتەرلىك كېسەللىك بولۇپ بوينى قېتىپ قېلىش، يۇلۇن قېتىپ قېلىش، ئىككى ئېڭەكنىڭ پەيلىرى قېتىپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بەزى بالىلاردا تۇيۇقسىز پەيدا بولسا بەزى بالىلاردا تەدرىجىي پەيدا بولىدۇ. 

سەۋەبى: كېسەللىك جاراسىمىنىڭ يۇقىشىدىن پەيدا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئېرسىيەت، ئانىدىكى سىفلىس كېسەللېكىنىڭ ئاسارىتى، قاتتىق سوغۇق ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەللىك جاراسىمى بالىنىڭ نېرۋا ھەرىكەتلىرىگە ئورۇنلىشىپ، ئاز بولغاندا ئۈچ كۈن كۆپ بولغاندا 10 كۈندە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بىمارنىڭ بېشى قايىدۇ. ئەسنەش كۆپ بولىدۇ، ئۇيقۇ كەلمەيدۇ، قىزىتما كۆرۈلۈپ پەيلىرى قېتىپ قالىدۇ. بوينى ۋە ئېغىز ئەتراپى ئاغرىيدۇ، بوينى ئارقىسىغا تارتىشىدۇ، ئېغىزنى ئېچىش ۋە يوتۇش قىيىنلىشىدۇ، جىددىيلەشكەنسېرى ئېغىزنى ئاچالماي چىشلىرى كىرىشىپ قالىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىمارنى يۇمشاق كۆرپىدە ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: بابۇنە، ئىكلىمىلىك، بىنەپشە ۋە ئاق لەيلىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ زىماد تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلىنسا ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ. ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

2-رېتسىپ: بابۇنە، ئىكلىمىلىك، بادام مېغىزى، سەرپىستان، مەرزەنجۇش ۋە قاپاق مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ بىمارنىڭ بەدىنى ئاياغ تەرىپىدىن باشلاپ ھوردىتىپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. پەي ۋە مۇسكۇل قېتىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3-رېتسىپ: بادام يېغى ۋە قاپاق يېغىدا سىرتتىن پەيلەرنى ياغلاپ ۋە شۇ ياغلاردا تاماق قىلىپ بەرگەندە پەي ۋە مۇسكۇلنى بوشىتىدۇ. 

4-رېتسىپ: بابۇنە ۋە ئىكلىمىلىكتىن 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيىگە ئالدى بىلەن ئۇشەق، مۇقەل قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ ئېزىپ ئېرىتىپ ئۈستىگە 15 گرامدىن بادام يېغى، گۈل يېغى، 30 گرام زەيتۇن يېغى قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارقىدىن يۇمشاق سوقۇلغان 10 گرام قاپاق مېغىزى، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، زاراڭزا مېغىزى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، يۇقىرىدا تەييارلانغان دورا سۈيىگە قوشۇپ يەرلىك ئورۇن كۈندە بىر قېتىم مايلاپ بېرىلسە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ. پەيلەرنى يۇمشىتىدۇ. ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: مەلھىمى قىروتى، خېمىرى ئەۋرىشىم، ئەۋرىشىم شەربىتى، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبەر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: بادام مېغىزى، خام قايماق قاتارلىقلار نان بىلەن يېگۈزۈلىدۇ. چۈجە گۆشىنى شورپا قىلىپ، ئۈستىگە پالەك، غولپىياز سېلىپ چۆپ ئاش قىلىپ بېرىلىدۇ. 

قۇرۇق ۋە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى