ساغلاملىق

بالىلار يۆتىلى

يۆتەل مەخسۇس بىر كېسەللىك ئەمەس، بەلكى نەپەس يوللىرى سىرتتىن كىرىپ قالغان يات جاراسىملار ۋە چاڭ-توزاڭ، ئىس-تۈتەك قاتارلىق غەيرى تەبىئىي نەرسىلەر شۇنداقلا كاناي ۋە شاخچە كانايدا پەيدا بولغان ئاجراتمىلار بىلەن توسۇلغاندا ئۇلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن تەبىئىي پەيدا بولىدىغان نەپەس يوللىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان بىرخىل قوغدىنىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۆتەل ئۆپكە ۋە نەپەس يوللىرىدا توسالغۇ ياكى كېسەللىك يۈز بەرگەنلېكىنىڭ بىر بەلگىسى بولۇش بىلەن بىللە نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسىدە يۈز بېرىدىغان بىر ئومۇمىي ئالامەتتۇر.

سەۋەبى: ئۆپكە ۋە كانايغا يات ماددىلارنىڭ كىرىشى، سوغۇق ھاۋا، چاڭ-توزاق، غىدىقلىغۇچى گازلارنىڭ تەسىر قىلىشى، ئۆپكە، كاناي شاخچە كانايچىلارنىڭ ھەرخىل يۇقۇملىنىشى ۋە ياللۇغلىنىشىنى، زۇكام، نەزلە، قىزىل، كۆك يۆتەل، سىل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەل بالا ھالسىزلىق ھېس قىلىدۇ، بېشى ئاغرىيدۇ، سەل قىزىيدۇ، گېلى قۇرۇيدۇ ياكى قىچىشىدۇ. نەتىجىدە يۆتەل ئارقىلىق قىچىشىشنى بېسىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كۆكرىكى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، سەل قىزىيدۇ، بەزىدە يۆتەلدىن كېيىن چاپلاشقاق بەلغەم چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.

مۇشۇ باسقۇچتا مۇۋاپىق ۋە توغرا داۋالانسا، كېسەل يىلتىزىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا سوزۇلما يۆتەلگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. 

بۇنداق سوزۇلما يۆتەل كۆپىنچە ھاۋا ئۆزگەرگەن ۋاقتىدا ۋە قىش پەسلىدە كۈچىيىپ قالىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: پىننە ۋە ئەنجۈر قېقىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈپ بېرىلسە يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.

2-رېتسىپ: ھەمىشە باھار غولىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، شېكەر قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرۇلسا يۆتەل پەسەيتىدۇ. 

 3-رېتسىپ: سەبرە يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تىكىنىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىزە يۇيۇپ ئېزىپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم بىر قوشۇقتىن تاماقتىن كېيىن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە يۆتەلنى توختىتىدۇ. 

4-رېتسىپ: بەدىياندىن 12 گرام ئېلىپ 500 مىللىلىتېر سۇدا قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ ئازراق ھەسەل قوشۇپ تەييارلاپ، ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلدۇرۇلسا سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. 

5-رېتسىپ: قوينىڭ قۇيرۇقىنى كالىنىڭ سۈتى بىلەن پىشۇرۇپ ئەتىگەن ۋە كەچتە يېگۈزۈپ بېرىلسە يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. 

6-رېتسىپ: ئامۇت ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچكۈزۈپ بېرىلسە يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. 

7-رېتسىپ: جۇۋىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۈتتە قاينىتىپ، ئاندىن سوقۇپ تالقانلاپ ئەتىگەن ۋە كەچتە يېگۈزۈپ بېرىلسە يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. 

8-رېتسىپ: بادام مېغىزى ۋە ئاق كۆكناردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات قوشۇپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلدۇرۇلسا يۆەلنى پەسەيتىدۇ. 

9-رېتسىپ: ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، كۆك كىشمىش ئۈزۈمدىن 30 گرام، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېقى، قىزىل گۈل ۋە بىنەپشىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ سۈزۈپ ئازراق شېكەر سېلىپ، شەربەت تەييارلاپ بالىنىڭ يېشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ. بەلغەم بوشىتىپ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

10-رېتسىپ: يۆەل كونىراپ قالغان ۋە يۆتىلىشى بىلەن قۇسۇۋېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە كۈندۇر، باقىلە ئۇنى، بىھى ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى، كەتىرا، گۈلبىنەپشە ۋە تەرەنجىبىندىن ئۈچ گرامدىن، ئۇرۇقىدىن ئايرىلغان قۇرۇق قىزىل ئۈزۈمدىن تۆت گرام، رۇمبەدىيان ۋە ئاچچىق بادام مېغىزىدىن بىر گرام، شېكەردىن ئۈچ گىرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ، ماش چوڭلۇقىدا ھەب تەييارلاپ ئانا سۈتى بىلەن ئېرىتىپ ھەر تۆت سائەتتە بىر دانە يېگۈزۈلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ بەلغەم بوشىتىپ يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: بىنەپشە شەربىتى، لوئوقى بادام، سوفۇپى سوئال، ھەببى سوئال قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يۇمشاق، ئوڭاي سىڭىدىغان تاماقلاردىن ۋە قايناقسۇنى كۆپرەك بېرىپ، كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ قاتارلىق قورىغان تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى