ساغلاملىق

بالىلاردىكى ئۆپكە ئىششىقى

بۇ ئۆپكىنىڭ بىر قانىتى ياكى ھەر ئىككى قانىتىدا ئوخشاشلا ئىششىق پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ كېسەللىك سوغۇقتىن بولغان ئۆپكە ئىششىقى، ئىسسىقتىن بولغان ئۆپكە ئىششىقى، يۇقۇملىنىشتىن بولغان ئۆپكە ئىششىقى قاتارلىق ئۈچ خىل بولىدۇ. 

سەۋەبى: خىلىتسىز سوغۇق ياكى ئىسسىقلىقنىڭ زىيادە تەسىرى، خىلىتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ ئۆپكىسىدە ئۆتكۈر كېسەللىكلەردىن زۇكام، قىزىتما، كۆك يۆتەل قاتارلىقلارنىڭ ئاسارەت قالدۇرىشىدىن پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك بىمارنىڭ تۈكۈرۈك، خەپرۈك قاتارلىقلاردىن بايقىلىدۇ ھەمدە نەپەسلىنىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا ھاۋا سوغۇق، ھۆللۈك زىيادە جايلاردا، ئەتىياز ۋە قىش پەسىللىرىدە كۆرۈلىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئۈچ كۈن ئەتىراپىدا بولىدۇ. دەسلەپكى كۈندە بەدەن بىر ئاز بوشاپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. چىرايى ئاقىرىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ. يوشۇرۇن مەزگىلنىڭ ئاخىرىدا قىزىتما كۆرۈلىدۇ، نەپەس قىسىلىدۇ. نەپەسلەنگەندە بۇرۇننىڭ ئىككى قانىتى ئېسىلىدۇ. ئارىلاپ-ئارىلاپ قۇرۇق يۆتەل تۇتىدۇ. بىماردا ھۆ پەيدا بولۇپ ياندۇرالماي بىئارام بولىدۇ. كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا ياكى تۇتقاقلىق تۇتقاندا بەلغەمگە قان ئارىلاش كېلىدۇ. باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، كەم ماغدۇرلۇق، جۆيلۈپ يىغلاپ ئويغىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بەزى بالىلاردا خىلىت غالىبلىقى ئېتىبارى بىلەن تىلغا گەز باغلايدۇ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولىدۇ. يۈزى قىزىرىپ قالىدۇ. قىزىرىش ئۆپكىنىڭ قايسى قانىتىدا كېسەللىك بولسا شۇ تەرەپتە قىزىللىق پەيدا بولىدۇ. ئۆپكە ئىششىقى قىزىتمىسى سەككىز-توققۇز كۈنگىچە بارغانسېرى يۈرەك ۋە كۆكرەك پەردىلىرىگە تارقىلىپ ئۆلۈش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىزىتما بولغاندا ئۆپكىدىن شىر-شىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش دورىلار بېرىلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: شومشىدىن 100 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تاسقاپ ئۇنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكە بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ. ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

2-رېتسىپ: ئاق لەيلىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ، كۆكرەككە چېپىپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

3-رېتسىپ: بابۇنە، بىنەپشە ۋە ئارپا ئۇنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئاق لەيلىگۈلنى خېمىر قىلىپ كۆكرەككە چېپىپ بەرگەندە ياكى بابۇنە، ئىكلىمىلىك، ئاق لەيلىگۈلى، ئارپا ئۇنى قاتارلىقلارنى خېمىر قىلىپ، كۆكرەككە چېپىپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ، ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

4-رېتسىپ: شىڭرىپ رومىدىن بىر گرام، سەبرى سۇقۇتىدىن بىر گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ بىر دانە تۇخۇم سېرىقىدا يۇغۇرۇپ زىمات تەييارلاپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرۇلسا (زىماد ئۈستىدىن ئىسسىق سۇغا چىلانغان لۆڭگە يېپىلىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ) ئىششىق ياندۇرىدۇ. 

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاشتا:  لوئوقى چىلفوزا، لوئوقى زۇپا، لوئوقى بادام قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاسان سىڭىدىغان، ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان غىزالار بېرىلىدۇ. كالا سۈتىدە پىشۇرۇلغان لوبىيا، پۇرچاق ۋە نوقۇت سېلىپ پىشۇرۇلغان چۈجە گۆشى شورپىسى ئىچكۈزۈلىدۇ. قىزىتما يانغۇچە گۆش ۋە قورۇمىلار بېرىلمەيدۇ. قىزىتما يانغاندىن كېيىن قۇۋۋەتلىك تاماقلار بېرىلىدۇ. لېكىن قورۇلغان يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى