بالىلاردىكى ئۈچەي ياللۇغى
ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ ئىچى سۈرۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى: ئاشقازان ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل سەۋەبلەردىن، شۇنىڭدەك بۇزۇلغان سۈتنى ئىمىش، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، ئۈچەينىڭ بىۋاستە مىكروپلىرى بىلەن يۇقۇملىنىشى، ئۈچەينىڭ زەخىملىنىشى، قىزىل، خولىرا، تولغاق قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن ئۈچەي غىدىقلىنىش كۈچىيىپ ئۈچەيدە ياللۇغ كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئۈچەي شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلانغانلىقتىن ئىچى سۈرۈش بولىدۇ، قورساق ئاغرىيدۇ، توڭلاپ تىترەش، بەدەن تېمپىراتۇراسى ئۆرلەش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش بولىدۇ. ئاغرىش كىندىك ئەتراپىدا كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدۇ. بالا كىندىك ئەتراپىنى تۇتۇپ يىغلايدۇ. تىلىنى قارا گەز باغلايدۇ، ئۇسسۇزلۇقى يۇقىرى بولىدۇ، كۆز ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: ھەزىمنى ياخشىلاپ ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش:
1-رېتسىپ: ئىسپىغۇلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ، لۇئابىنى چىقىرىپ بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
2-رېتسىپ: قىيمىقۇدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ، لۇئابىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
3-رېتسىپ: تاباشىردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، گۈلقەنت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
4-رېتسىپ: يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قورۇپ سارغايتىپ، ئاندىن يۇمشاق سوقۇپ، سوغۇق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشكە بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
5-رېتسىپ: موزا ۋە سېرىق ھېلىلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق قايناق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
6-رېتسىپ: ھۆل سېمىز ئوتتىن 66 گرام ئېلىپ، ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ قايناقسۇ بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ئەرقى كاسىنە، ئەرقى شوخلا، ئامىلە نۇشدارى، قۇرسى تاباشىر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قوينىڭ ئۈچىيىنى توغراپ، گۈرۈچ بىلەن پىشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۇيۇق-سەلەڭ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلار بېرىلىدۇ. قورىغان، غىدىقلىغۇچى، يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.