ساغلاملىق

بالىلاردىكى قەۋزىيەت

بۇ بالىلاردىكى چوڭ تەرەتنىڭ راۋان كەلمەسلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچار بولۇشى، ئانىنىڭ كۆكتاتنى ئاز ئىستېمال قىلىشى، بالىنىڭمۇ سۈيى ئاز، ئىسسىقلىق تاماقلارنى دائىم ئىستېمال قىلىشى، كۆكتات يېمەسلىك، ئۈچەيدىكى مەددە قۇرتلىرىنىڭ بىر جايدا توپلىشىپ تۇرۇۋېلىشى، چوڭ ئۈچۈينىڭ توسۇلۇشى ۋاقتىدا تەرەت قىلماسلىق ئادىتى، قورساق ساھەسىدىكى ئاغرىقلار ۋە دائىم ئىچى سۈرۈش نەتىجىسىدە ئۈچەيلەر سېزىمىنىڭ سۇسلىشىش، ئىچىنى قاتۇرغۇچى دورىلارنى مىقداردىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىۋېتىپ، ئۈچەي ھەرىكىتى ئاجىزلىشىپ قېلىش، ئۆت خالتسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۋېتىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: ئاساسلىقى بىمارنىڭ چوڭ تەرىتى راۋان كەلمەيدۇ، قورساق ئېسىلىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە تەرىتى كەلمەيدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

1-رېتسىپ: ھەسەلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچكۈزۈپ، قول بىلەن ئاشقازان تەرەپتىن قورساق تەرەپكە قارىتىپ سىيرىپ بەرگەندە ئىچىنى بوشىتىدۇ. 

2-رېتسىپ: ئاق لەيلى يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ، ئىچىنى بوشىتىدۇ. 

3-رېتسىپ: كۈدە يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ سۈيىنى بىر ئىستاكان قايناقسۇ بىلەن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ئىچىنى بوشىتىدۇ. 

4-رېتسىپ: سوپۇندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ پىچاق بىلەن قىرىپ شامچە ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئارقا تەرەت يولىغا كىرگۈزۈپ قويسا، ئىچىنى بوشىتىدۇ. 

5-رېتسىپ: بىنەپشىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ شېكەر بىلەن ئىلەشتۈرۈپ شامچە ياساپ ئارقا تەرەت يولىغا قويۇپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ، ئىچىنى بوشىتىدۇ. 

6-رېتسىپ: كالىنىڭ ئۆتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ بالىنىڭ قورسىقىغا سۈركىسە ئىچىنى بوشىتىدۇ. 

7-رېتسىپ: قەنىتتىن ئالتە گرام، تۇزدىن ئۈچ گرام، چاشقان مايىقىدىن 1.5 گرام ئېلىپ سوقۇپ يۇمشىتىپ تۆمۈر چۆمۈچكە سېلىپ ئوت ئۈستىدە قويۇپ ئېرىتىپ پىلتە ياساپ مەقئەتكە قويسا ئىچىنى بوشىتىدۇ. 

8-رېتسىپ: قىزىتما بىلەن بىرگە قەۋزىيەتلىك كۆرۈلسە، بىنەپشە گۈلىدىن 10 گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقىدىن ئالتە گرام، سانادىن 15 گرام، خيارشەنبەردىن 20 گرام ئېلىپ، ھەممىنى قاينىتىپ تۆت ياشلىق بالىغا ئىككىگە بۆلۈپ سۈزۈپ ئىچكۈزۈلسە قىزىتما قايتۇرۇپ ئىچىنى بوشىتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش: بالا ئىمىۋاتقان بولسا تۆۋەندىكى دورىلار ئانىسىغا بېرىلىدۇ، بەش ياشتىن يۇقىرى بولسا دورىنى ئۆزى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

مەجۈنى خيارشەنبەر، شەربىتى تەرەنجىبىن، شەربىتى سانا قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: بالىلارغا كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ بېرىش، سۈت ئىچكۈزۈش، قايناقسۇنى كۆپرەك بېرىش بىلەن ئۈچەيلەرنىڭ نەملېكىنى ئاشۇرۇپ تەرەت يۈرۈشنىڭ ئاسان بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. 

تاماق تەركىبىدە بەسەي، پالەك، چامغۇرغا ئوخشاش كۆكتاتلار كۆپ بولسا تەرەت راۋان بولىدۇ. مېۋىلەر ئىچىدە ئەنجۈر، قوغۇن قاتارلىقلارمۇ ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ، تەرەتنى يۇمشىتىش تەسىرى بار بولۇپ، داۋاملىق ئىستېمال قىلدۇرۇلسا بولىدۇ. لېكىن قاتتىق نان، يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى