ساغلاملىق

يىلانسىمان مەددە

بۇ بالىلىق دەۋرىدە ئۈچەي يوللىرىدا پەيدا بولىدىغان يىلانسىمان مەددە كېسىلىدىن ئىبارەت. بۇ بالىلار ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەردە پەيدا بولىدۇ. 

سەۋەبى: ئاساسەن كېسەل كىشىلەردىن ساقلارغا يۇقىدۇ، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق، خۇسۇسەن يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا رىئايە قىلماسلىق، خام يېيىلىدىغان، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى يۇماستىن ياكى قايناقسۇغا باسماستىن يېيىش، تاماقتىن بۇرۇن ۋە تەرەتتىن كېيىن قول يۇماسلىق، قاينىمىغان سوغۇق سۇ ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ كېسەلنى يۇقتۇرىدىغان ۋاستىچى بولىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ تۇپىدا ئويناپ قولىنى يۇمايلا تاماق يىيىشى، بارمىقىنى ئىمىش ئادىتى، ئاغزىغا ئويۇنچۇقلارنى سېلىپ ئوينايدىغان ئادەتلىرىمۇ كېسەل يۇقتۇرۇشتىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئالامىتى: تەرەت ياكى قۇسۇق بىلەن ئۇزۇنلۇقى 15-25 سانتىمېتىر كېلىدىغان مەددە قۇرنى چۈشىدۇ، ئادەتتە بۇنداق مەددە ئىنچىكە ئۈچەيگە، بەزىدە چوڭ ئۈچەيگە جايلاشقان بولىدۇ. شۇڭا مەددە كېسىلى بار بالىلارنىڭ كۆپىنچە قورسىقى تولغاپ ئاغرىيدۇ، قورسىقى كۆپىدۇ، ئاغرىق ئادەتتە ئانچە قاتتىق بولمايدۇ. ئاغرىيدىغان جاينىڭ ئورنى كۆپىنچە كىندىك ئەتراپى ياكى ئازراق يۇقىرىسىدا بولىدۇ، ئاغرىش ۋاقتى مۇقىم بولمايدۇ. ئاغرىغان ۋاقىتتا قورسىقىنى باشقىلار سىيلاپ بەرسە بىر ئاز ئارام تاپىدۇ، كۆپىنچە ئاغرىغان جاينى باسسا ئاغرىمايدۇ. قورساق گۆشلىرىدىمۇ تارتىشىش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، قورسىقىدا مەددە قۇرت كۆپرەك بولغان بالىلارنىڭ قورسىقىنى سىلاپ كۆرگەندە قولغا ئۇزۇنچاق ياكى مونەك بىرنەرسە ئۇرۇنىدۇ، كېسەل بالا تامىقىنى تاللاپ يەيدىغان ياكى غەيرى نەرسىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. 

بەزىلەر چالما ياكى توپا يەيدىغان، ئوڭايلا كۆڭلى ئېلىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئاشقازاننىڭ ئېغىزىدا قادىلىش ھېس قىلىدۇ ۋە بىر نەرسە ماڭغانلىقىنى سېزىدۇ. بۇ ئەھۋاللار كۆپىنچە قورساق ئاچقاندا روشەن بىلىنىدۇ، كېسەل بالىنىڭ بەزىدە ئىچى سۈرىدۇ ۋە قۇسىدۇ. كېسەل بالا كۆپىنچە قەۋزىيەت بولىدۇ. قورسىقى ئېچىپلا تۇرىدۇ. كۆپ يېسىمۇ بەدىنى ئورۇق بولىدۇ، كېچىسى ئۇيقۇدا چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ، كۈندۈزى ئېغىز ئىچى قۇرغاق بولىدۇ. كېچىسى ئاغزىدىن شال ئاقىدۇ، بوۋاقلاردا بۇ خىل مەددە بولۇپ قالغاندا بەزىدە تارتىشىپ قېلىش ۋە ھوشىدىن كېتىشلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. 

بۇ خىل مەددە كېسىلى بار بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە يۈزىدە ئاق تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ، كۆز ئېقىدا شەكلى تەرتىپسىز بولغان كۆك ياكى قوڭۇر رەڭلىك چىكىتلەر كۆرۈنىدۇ. تىل ئۇچى ۋە تىل يېنىدا تىل يۈزىدە كۆتۈرۈلۈپ چىققان قىزىل رەڭلىك كىچىك تىكەنلەر بولىدۇ، تىرنىقىدا خال بولۇپ، كېسەل بالا بۇرنىنى كولاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھورۇن، تومۇر ھەرىكىتى سۇس بولىدۇ. ئېغىرلىرىدا بالىنىڭ روھى چۈشكۈن، بىئارام بولىدىغان، ئاسان ئاچچىقلايدىغان، بېشى ئاغرىيدىغان، ئاسان چۆچۈيدىغان بولۇپ قالىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: ئىشتىھانى ئېچىپ مەددىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: ئانار پوستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلسە مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 

2-رېتسىپ: شاپتۇل چېچىكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلسە مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 

3-رېتسىپ: بەرەنگە كابىلىدىن ئالتە گرام، دەرمىنى تۈركىدىن ئۈچ گرام، ئۇرۇقى يوق خورمىدىن ئىككى دانە ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تالقان تەييارلاپ، كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا بىر قېتىمدىلا ئىچكۈزۈلسە مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 

4-رېتسىپ: سىيادان، قىزىل لوبىيا ۋە بابۇنىدىن 15 گرامدىن، ئەمەندىن 21 گرام، شاپتۇل غازىڭىدىن بىر سىقىم ئېلىپ، ئىككى چوڭ چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ يېرىم قالغاندا سۈزۈپ بىر ئاز كۈنجۈت يېغى قوشۇپ ھۆقنە قىلىنسا مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 

5-رېتسىپ: سەرخىستىن 15 گرام، ئەينۇلىدىن 12 گرام، كاۋا ئۇرۇقىدىن 30 گرام ئېلىپ، بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ ئىچكۈزۈلسە مەددىنى چۈشۈرىدۇ. 

بۇ دورىنى ئاخشىمى كەچلىك تاماقتا ئىچكۈزۈپ، ئەتىسى ئەتىگەندە تۇز ۋە سۈرگە ئىچكۈزۈپ ئىچىنى سۈردۈرۈش كېرەك. بۇ دورىنى ئىچىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ۋە ئىچىپ بىر كۈن كېيىنگىچە مايلىق تاماق بەرمەسلىك كېرەك. 

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش: ئۈچ كۈنگىچە يېڭى ساغقان سۈت ئىچكۈزۈش كېرەك، تۆتىنچى كۈنىدىن تارتىپ سوفۇپى مەددە بىلەن داۋالىسا بولىدۇ. 

سوفۇپى مەددە، مەجۈنى سەرخىس، مەتبۇخى پوستى ئانار، مەتبۇخى سەرخىس مۇرەككەپ قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى