قاپاق ئۇرىقىسىمان مەددە قۇرت
بۇ بىرخىل ئۈچەي يولىدا كۆرۈلىدىغان قاپاق ئۇرۇقىسىمان مەددە كېسىلىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى: تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق، كۆكتاتلارنى پاكىزە يۇماي خام يېيىش، كالا گۆشىنى ياخشى پىشۇرماي يېيىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقۇملىنىدۇ.
ئالامىتى: چوڭ تەرىتىدە قاپاق ئۇرۇقىدەك ياپىلاق، رەڭگى ئاق مەددە بوغۇملىرى كېلىدۇ. بەزى چاغلاردا تەرەت قىلمىغان چاغدىمۇ ئۆزلىكىدىن كېلىپ قالىدۇ، بەزى چاغلاردا يېرىمى مەقئەتتىن چىقىپ، يېرىمى ئۈچەيدە تۇرۇۋاتقان ھالەتتىمۇ يۈز بېرىدۇ. كېسەل بالىنىڭ قورسىقى بەك ئاچىدىغان، قورسىقى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاغرىقنىڭ ئورنى چوڭ ئۈچەينىڭ يۇقىرى قىسمىدا بولىدۇ، كېسەل بالا ئورۇقلايدۇ، بالىنىڭ تىرىلىرى قۇرغاق بولۇپ كېچىلىرى ئېغىزى قۇرۇيدۇ. بەزىدە ئىچى سۈرىدۇ، تەرەتنىڭ رەڭگى قارامتۇل كېلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاشتا:
1-رېتسىپ: كاۋا ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قۇرۇق چاقسا مەددىنى چۈشۈرىدۇ.
2-رېتسىپ: ئاچچىق ئانارنىڭ يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلسە مەددىنى چۈشۈرىدۇ.
3-رېتسىپ: شاپتۇل يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە مەددىنى چۈشۈرىدۇ.
4-رېتسىپ: ئاچچىقسۇ ۋە سامساقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا مەددىنى چۈشۈرىدۇ.
5-رېتسىپ: ھۆل رەيھاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا مەددە قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ.
6-رېتسىپ: يېڭى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئۇششاق ئېزىپ تالقان قىلىپ، ھەركۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بەلكۈچ بىلەن مەقئەتكە سېلىپ قويۇلسا مەددىنى چۈشۈرىدۇ.
مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش:
1-رېتسىپ: مەددە قايناتمىسى (تەركىبى: ئانار پوستىدىن توققۇز گرام ئېلىپ بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ) بالىنىڭ ياش قۇرامىغا قاراپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.
2-رېتسىپ: مەتبۇخى تۇخۇمى كەددۇ ( تەركىبى: كاۋا ئۇرۇقىدىن 120 گرام ئېلىپ، بىر لىتىر سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.) كۈندە بىر-ئىككى قېتىم ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىنىدۇ.)
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تاتلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.