ساغلاملىق

بالىلاردىكى راخت كېسىلى

بۇ بالىلار سۆڭىكىنىڭ تەبىئىي سۈپەتتە قېتىشماسلىقى ۋە نورمال ئۆسۈپ يېتىلمەسلىكى بىلەن ئىپادىلىنىغان كېسەللىك بولۇپ، سۆڭەكتىكى ئۆزگىرىشنى ئاساس قىلغان ھالدا پۈتۈن بەدەندە ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا ۋە ئېيىغا توشماي تۇغۇلغان بالىلاردا ئاسانراق پەيدا بولىدۇ. 

سەۋەبى: راخت كېسىلى ئاساسەن بالىنى پەرۋىش قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، بەزىبىر مۇھىم ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە بالىلارنىڭ بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرغۇچى باشقا سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

1. پەرۋىش قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى: بالا ئانا قورسىقىدىكى ۋاقتىدىنلا ئانىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولالماسلىقى سەۋەبلىك تۆرەلمە تەرەققىياتىنىڭ كېچىكىشى ۋە ئاجىز بولۇشى، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىگە قانماسلىقى، ئەمچەك يېشىغا توشقانغا قەدەر ئانىنى ئىمەلمەسلىكى ياكى ئانىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق سەۋەبلىك بالىنىڭ بەدىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇقىنى قوبۇل قىلالماسلىقتىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ. بالىنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرىمەن دەپ بالىنىڭ ئاشقازىنى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان ۋاقىتتا مايلىق كۈچلۈك ۋە يىرىك تاماقلارنى بېرىش بىلەن بالىنىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتى بۇزۇلۇپ يېگەن-ئىچكەنلىرى بەدەنگە سىڭمەسلىك نەتىجىسىدىمۇ بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

سۆڭەك تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ھايۋانىي غىزالار مەسىلەن: تۇخۇم، سۈت، قايماق، گۆش، بېلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ تۇرماسلىق، ھەزىم قۇۋۋىتى ياخشى، تەن قۇرۇلۇشى تېمەن بولسىمۇ ناچار ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش، ئۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ بەدىنى تېز ئۆسۈۋاتقان، بەدەن ئوزۇقلۇققا تازا مۇھتاج بولۇۋاتقان كۈنلەردە ئۇزاققىچە ئاچ قېلىش نەتىجىسىدىمۇ بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ. 

ئوزۇقلىنىش بىر قەدەر ياخشى بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ بالىلارنى مۇۋاپىق كۈن نۇرىدا پايدىلاندۇرماسلىق، ئۇزاق مۇددەت كۈن نۇرى مۇۋاپىق چۈشمەيدىغان ھاۋاسى ناچار، قاراڭغۇ ۋە زەي ئۆيلەردە بېقىش نەتىجىسىدىمۇ بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ. 

2. بالىلارنىڭ بەدىنىنى ئاجىزلىتىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش نەتىجىسىدىمۇ بالىنىڭ ھەزىم قىلىشى بۇزۇلۇپ، يېگەن-ئىچكەنلىرى بەدىنىگە ئۆزلەشمەي ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك يۈز بېرىپ راخت كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: دەسلەپكى دەۋردە بالىنىڭ ئۆسۈش تەرەققىياتى ئاستا بولىدۇ، ئاشقازىنى ئاجىزلىشىدۇ. يىغلاڭغۇ، ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۆپ تەرلەيدۇ، بېشىنى ياستۇققا كۆپ سۈركەپ باش ئارقىسىنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ. 

سۆڭەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش: تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە باش سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ بېشى چوڭىيىپ كېتىدۇ، باش سۆڭەكلىرى يۇمشاپ، قول بىلەن باسسا لۆمۈلدىگۈدەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ بېشى سوقىچاق، بەزىلىرىنىڭ چاسا ھالقا شەكلىگە كېلىپ، باش چاكىلىرى پۈتمەيدۇ. بېشىدىكى كىچىك بولاقچىنىڭ قېتىشىمۇ كېچىكىدۇ، پۇت-قوللىرىنىڭ سۆڭەكلىرى شەكىل ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. قولنىڭ بىلەيزۈك بوغۇمى، پۇتنىڭ ئوشۇقلىرى ۋە قوۋۇرغىلىرىنىڭ بوغۇملىرى يوغىناپ كېتىدۇ. كۆكرەكنىڭ ئىككى يېنى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ تۆش سۆڭىكى تومپىيىپ ئالدىغا چىقىپ توخو كۆكرەك بولۇپ قالىدۇ. بەزىلىرىدە تۆش سۆڭەك ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ ئويمان كۆكرەك ھاسىل بولىدۇ. ئېغىرلىرىدا ھەتتا ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ يان ياكى ئارقا تەرەپلەر تومپىيىپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بالىنىڭ ئايىغى چىقىشمۇ كېچىكىدۇ، ئايىغى چىققاندىن كېيىن بولسا ئىككى پاقالچاق سۆڭەكلىرىنىڭ ياخشى قاتمىغانلىقى ۋە ياخشى تەرەققىي قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پاچىقى ئەگرى بولۇپ لەيلەپ ماڭىدۇ، بەزىسى تاش مايماق بەزىسى ئىچ مايماق بولىدۇ. 

چىشتىكى ئۆزگىرىشى: دەسلەپكى ۋاقىتلاردا چىشنىڭ چىقىشى كېچىكىپ كېتىدۇ، چىش چىققاندىن كېيىن چىشنىڭ چىقىش ئارىلىقى بەك يىراقلىشىپ قالىدۇ، ھەتتا بەزىلىرىدە ئۈچ يېرىم ياشقا كىرگۈچىمۇ چىشى تولۇق چىقىپ بولالمايدۇ. سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن چىشنى ئوڭاي قۇرت يەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. 

بەدەن مۇسكۇللىرىدىكى ئۆزگىرىش: بالىنىڭ بەدەن مۇسكۇللىرى بەك يۇمشاق، ئاجىز بولۇپ تەرەققىياتى ياخشى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن كۆپىنچە ئاغرىق بالىنىڭ قورسىقى بوشىشىپ، تومپىيىپ پاقا قورساق بولۇپ قالىدۇ. 

نىرىپتىكى ئۆزگىرىش: كېسەل بالا تولا بىئارام بولىدۇ، تىنىچسىزلىنىدۇ، ئەقىل ۋە ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا ۋە تۇراقسىز بولىدۇ.

ئىچكى ئەزالاردىكى ئۆزگىرىشى: قىسمەن كېسەللەردە كۆكرەك قەپىزىنىڭ ئىچىگە تۈپەيلىدىن ئۆپكە بېسىلىشقا ئۇچراپ، نەپەسلىنىشتە قىيىنچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئاشقازان ئۈچەيلەر بوشىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدەنلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، كېسەل بالا ئىنتايىن ماغدۇرسىزلىنىدۇ. كۈنسېرى ئورۇقلاپ قېرى چىراي بولۇپ قالىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاپ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سۆڭەكنى چىڭىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: بادام، نوقۇت، يەرياڭىقى، چىلغۇزا، نارجىل، قىزىل ئۈزۈم، پىندۇق، باقىلە، ئەنجۈر ۋە خورمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرۇلسا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ راخت كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 

2-رېتسىپ: سۇماق، بېھى، ھېلىلە، مېھرىگىياھ، بەلىلە، پۇفەل ۋە تېرىق قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرسا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. 

3-رېتسىپ: تۇخۇم شاكىلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، قازاندا سەل سارغايتىپ قورۇپ، ئۇندەك يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ياكى قىزىل گۈلقەنتكە ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلدۇرۇلسا راخت كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

4-رېتسىپ: تاتلىق بەرەنگىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئوتتا پىشۇرۇپ، پوستىنى سۇيۇۋېتىپ، تەڭ مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا راخت كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش: قىزىلگۈل گۈلقەنت، ماددەتۇلھايات، ھالۋائى بەيزە، خېمىرى مەرۋايىت، جاۋارىش كومۇنى، ئانار شەربىتى، ئەۋرىشىم شەربىتى، ئەرقى مائۇللەھمى، شەربىتى زەبىب قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ساغلام كالىنىڭ سۈتىنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ شېكەر قوشۇپ، بالا كۆتۈرەلىگۈدەك ئىچكۈزۈش. بېلىق، تۇخۇم، قوي گۆشى، قايماق ۋە باشقا قۇۋۋەتلىك غىزالار بىلەن بېقىش. ھايۋانات جىگىرى ۋە ياش پاقلان مېڭىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا يېگۈزۈش، كۆكتات قىيمىسى ۋە كۆكتات شورپىسىلىرىنى داۋاملىق بېرىپ تۇرۇش، سۇيۇق-سەلەڭ، قۇۋۋەتسىز تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇش لازىم. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى