تاماق تاللايدىغان بالىلار ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىكەن
ئەنگلىيىلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا 6000 دىن كۆپرەك بالىنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئىككى ياشتىن كېيىن يېمەكلىك تالاسىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: ھازىر قەۋزىيەت ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ قالدى، بۇنىڭ سەۋەبى بەدەنگە يېمەكلىك تالاسىنىڭ ئاز قوبۇل قىلىنغانلىقى ئىكەن. تاماق تاللىمايدىغان بالىلار كۈندە 120 گرام مېۋە بىلەن كۆكتات يەيدىكەن، تاماق تاللايدىغان بالىلارنىڭ 74 گىرامغىمۇ يەتمەيدىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ قەۋزىيەت بولۇش ئېھتىماللىقى تاماق تاللىمايدىغان بالىلارغا قارىغاندا %15 كۈچلۈك بولىدىكەن.
يەنە بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى، تاماق تاللايدىغان بالىلارنىڭ قەۋزىيەت بولۇش ئېھتىماللىقى تاماق تاللىمايدىغان بالىلارغا قارىغاندا %30 كۈچلۈك بولىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: شۇڭا ئەنگلىيە ئوزۇقلۇق كومىتېتى بالىلار كۈندە قوبۇل قىلغان يېمەكلىك تالاسىنىڭ 15 گرامدىن تۆۋەن بولماسلىقىنى، يېمەكلىك تالاسى دانلىق زىرائەت كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دېمەك، بالىلار كۈندە ئاز بولغاندىمۇ 250 گىرام مېۋە ۋە كۆكتات، يەنى بىر تال بانان، ئون تال ئۈزۈم، تۆت تال كەترەن يەپ بەرسە بۇ مەقسەتكە يېتەلەيدۇ.