ساغلاملىق

نومى گۈرۈچ

نومى گۈرۈچ يەنە يېلىمسىمان گۈرۈچ دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ دېنى سارغۇچ ئاق رەڭدە، سۈزۈك ئەمەس ياكى يېرىم سۈزۈك ھالەتتە بولۇپ، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ۋە كۆپۈشچانلىقى كىچىك، پىشقاندىن كېيىن يېپىشقاقلىقى چوڭ، ئېغىز سېزىمى يۇمشاق ۋە سىلىق، تەستەرەك ھەزىم بولىدۇ، گۈرۈچلەرنىڭ ئارىسىدا يېپىشقاقلىقى ئەڭ كۈچلۈك.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

نومى گۈرۈچى تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن E، يوپۇرماق كىسلاتاسى، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.

نومى گۈرۈچىنىڭ تەمى تاتلىق ئاشقازان-تالنى ئىللىتىدۇ، قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، تال-ئاشقازاننىڭ ئاجىز سوغۇقلۇقى، ئىشتىھا ياخشى بولماسلىق، قورساق ئېسىلىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن مۇئەييەن پەسەيتىش رولى بار.

نومى گۈرۈچىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ خورىشىنى توختىتىش رولى بار، پات-پات سىيىش،  ئوغرى تەر چىقىشنى داۋالايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

تال-ئاشقازىنىنى سوغۇقلۇق قاپلىغان، رەڭگى سارغايغان ياكى تاتارغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. ياشانغانلار، بالىلار، كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

دىئابېت كېسىلى، سېمىزلىك، قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش، بۆرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار نومى گۈرۈچىنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىشى ياكى يېمەسلىكى لازىم.

نومى گۈرۈچتىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتقاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىش كېرەك. سوغۇق پېتى ئىستېمال قىلىنسا، ناھايىتى قاتتىق بولۇپلا قالماستىن، ئېغىز سېزىمىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ ھەم ئاسان ھەزىم بولمايدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى