ساغلاملىق

سۆك-تېرىق (小米)

سۆك (小米) يەنە تېرىق دېيىلىدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋىردىكى <بەش خىل دانلىق زىرائەت> نىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى رايونلىرىدىكى كىشىلەر ئەڭ ئامراق ئاساسلىق ئاشلىقنىڭ بىرى.

سۆك يېپىشمايدىغان سۆك، يېپىشقاق سۆك ۋە ئارىلاش تىپلىق سۆك دەپ ئايرىلىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

سۆكنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن E بار بولۇپ، گۈرۈچنىڭكىنىڭ 48 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، سۆكنىڭ تەركىبىدە يەنە ۋىتامىن  B1،  ۋىتامىن  B2 قاتارلىقلار بار.

سۆكنىڭ بۆرەك قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش، ئاشقازاننى ئىللىتىپ، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، زەئىپ قىزىتمىنى تۈگىتىش رولى بار، ئۇ روھىي بېسىمنى، جىددىيلىشىش، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىقلارنى پەسەيتىدۇ.

سۆك ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ۋە جاۋغايغا جاراھەت چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. ئۇ مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ، قاننى ئوزۇقلاندۇرۇپ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئاجىزلاشقان بەدىنىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەدەن كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

دائىم سۆك ئىستېمال قىلغانلار ئادەتتە ئاسانلىقچە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ.

بىخلانغان سۆكنىڭ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بار، شۇڭا ئىشتىھاسى ناچار كىشىلەر ئۇنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ.

ئىستىمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

سۆك ياشانغانلار، ئاغرىقلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال  قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ يەنە رەڭگى قىزىرىپ تۇرىدىغانلار، مايلىق تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار، سېرىق قوڭۇر داغ چۈشكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. خەلق ئارىسىدا تۇغۇتلۇق ئاياللارغا قىزىل شېكەر سېلىنغان سۆك ئۇمىچى ئىچكۈزۈش، بوۋاقلارغا سۆك ئۇمىچى ئىچكۈزۈش ئادىتى تارقالغان.

ئاياللار تۇغقاندىن كېيىن پۈتۈنلەي سۆكنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلسا بولمايدۇ، ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، باشقا ئوزۇقلۇقلارنىڭ يېتىشمەي قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

سۆك ئۇمىچى بەك سۇيۇق بولسا بولمايدۇ، سۆك يۇمىلاق گۈرۈچ بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

سۆكتىن ھاراق، ئاچچىقسۇ ئېچىتىشقا بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى