ساغلاملىق

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ (لوبو) نىڭ ئاق پوستىلۇق، قىزىل پوستلۇق، كۆك پوستلۇق، قىزىل ئەتلىك قاتارلىق كۆپ خىل تۈرى بار. تۇرۇپ پۇقرالار ياخشى كۆرىدىغان كۈتۈنۈش يېمەكلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ھەم باھاسى ئەرزان. ئېلىمىز تۇرۇپنىڭ يۇرتى بولۇپ، تېرىپ ئۆستۈرۈش، ئىستېمال قىلىش تارىخى ئۇزۇن.

تۇرۇپنى قورۇپ، سۇدا پىشۇرۇپ، سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، مېۋە ئورنىدا خام يېيىشكىمۇ، چىلىغان سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئىنتايىن ياخشى ئىستېمال قىلىش، دورىلىق قىممىتى بار بولۇپ، «قىشتا تۇرۇپ، يازدا زەنجىۋىل ئىستېمال قىلساڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بولارسەن ساغلام، ئامان» دېگەن تەمسىل بار.

ئوزۇقلۇق تەكىبى ۋە رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن C، كالىي، ماگنىي قاتارلىقلار بار.

تۇرۇپنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىقراق تاتلىق بولۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، بەلغەمنى بوشىتىپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، يەلنى ماڭدۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە. ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك، تۇرۇپ تەركىبىدە كراخمال فېرمېنتى بار كۆكتات بولۇپ، خام يېسە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ.

تۇرۇپ ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ، شۇڭا ئۇ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۇرۇپ ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ، شۇڭا ئۇ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۇرۇپ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بەدەندىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

ھەمىشە تۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ، قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىش، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

تۇرۇپنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى (ھەر 100 گىرامدا 20~30 مىللىگىرام بولىدۇ)، ۋىتامىن C يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا تۇرۇپ تەركىبىدىكى بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ماددىلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تۇرۇپنى يەنىلا خام يېگەن ياخشى. ئەلۋەتتە، خام يېيىشتىمۇ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، تۇرۇپنى پوستىنى سويۇۋەتكەندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

تۇرۇپنىڭ تۈرى كۆپ، خام يېيىشتە شىرنىسى كۆپ، ئاچچىق تەمى ئازراق كەلگەنلىرى ياخشى بولىدۇ، ئادەتتە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشىنى ياقتۇرمايدىغانلار تۇرۇپنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. تۇرۇپنى گۆش بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرسىمۇ، تەمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

تۇرۇپ تەبىئىتى سوغۇق كۆكتات بولغاچقا، مەنپىيلىك ئېشىپ كەتكەن سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەر، تال-ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، نوقۇل قالقانسىمان بەز ئىششىش، ئالدىن بېشارەت بولغان بويىدىن ئاجراش، بالىياتقۇ چىقىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار تۇرۇپنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.

تۇرۇپنى مېۋە-چېۋە بىلەن بىللە يېمەسلىك كېرەك. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە ئەگەر تۇرۇپ ئاپېلسىن بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، قالقانسىمان بەز ئىششىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇرۇپ ئىچنى سۈرگۈزىدۇ، سەۋزە بولسا قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ئەگەر بىللە ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، ئازراق ئاچچىقسۇ قويۇپ ئارىلاشتۇرسا، ئوزۇقلۇقلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

خام تۇرۇپ ئادەمگىياھ، ئامېرىكا ئادەمگىياھى بىلەن دورىلىق خۇسۇسىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە قارشى بولۇپ، قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالماي قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى